ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججەت تارقاتتى
رەھبىرىي كادىرلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زىيانغا ئۇچراتسا، «جاۋابكارلىقى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈلىدۇ»
2015.09.02 13:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زىيانغا ئۇچرىتىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى (سىناق تەرىقسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
«پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زىيانغا ئۇچرىتىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى (سىناق تەرىقسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» جەمئىي 19 ماددا بولۇپ، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە بايلىقىنى قوغداشتا باش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى، پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى، باشقا ئالاقىدار رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئالاقىدار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بەلگىلەندى.
مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت تارماقلىرى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئالاقىدار جاۋابكارلىقنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛ يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىدار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ شەكلى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
«چارە»دە يەنە پارتكوم ۋە تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىنى تاللاش، ۋەزىپىگە قويۇش خىزمىتىدە بەلگىلىمە بويىچە بايلىقنى خورىتىش، مۇھىتنى ئاسراش، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش، باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە بايلىق قاتارلىقلارغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا جاۋابكارلىقى بار كادىرلارنى ئۆستۈرمەسلىك ياكى مۇھىم ۋەزىپىگە قويماسلىق بەلگىلەندى.
پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش شەكلى تۆۋەندىكىدەك: ئىبرەت قىلىش، ئاشكارا كەچۈرۈم سوراشقا بۇيرۇش؛ تەشكىلىي جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىش (بۇ ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش سەۋەبىدىن ئىستېپا بېرىشكە بۇيرۇش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىش قاتارلىقلار. تەشكىلىي جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىش بىلەن پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسىنى ئايرىم قوللىنىشقىمۇ ياكى قوشۇپ قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. جىنايەتكە چېتىلغان بولسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت