باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى

2015.09.02 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى: 3- سېنتەبىر ئەتىگەن سائەت 9 ئەتراپىدا، ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن بىللە تيەنئەنمىننىڭ شىمالىدىكى دۈەنمېننەن مەيدانىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەكىلىپكە بىنائەن خاتىرىلەش يىغىنىغا كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ. مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ. ئاندىن رەئىسى شى جىنپىڭ رەپىقىسى ۋە ئەزىز مېھمانلار بىلەن مۇراسىمنى كۆرۈش ئۈچۈن تيەنئەنمىن راۋىقىغا چىقىدۇ. سائەت 10 دا خاتىرىلەش يىغىنى رەسىمىي باشلىنىدۇ، 56 زەمبىرەكتىن 70 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلىپ خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىنىدۇ.

  ھۆرمەت توپىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى يېنىدىن ئوق لىنىيەنى بويلاپ مېڭىپ، شىمالدىكى دۆلەت بايرىقى خادىسىغا كېلىپ توختاپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

  ئاندىن رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ. سۆز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەربىي پارات باشلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. كۆزدىن كەچۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پاراتتىن ئۆتۈش باشلىنىدۇ، پۈتكۈل پاراتتىن ئۆتۈش 50 نەچچە مىنۇت داۋاملىشىدۇ. ئاخىرىدا ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانلىرى تيەنئەنمىن مەيدانى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ، نەچچە ئون مىڭلىغان گاز شار ۋە تىنچلىق كەپتىرى ئاسمانغا كۆتۈرۈلىدۇ، خاتىرىلەش پائالىيىتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر