باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدىكى 4265 نەپەر دېھقان ياش قوش تىل بىلەن تەربىيەلەندى

2015.09.02 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش سىناق نۇقتا ناھىيەسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2014-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ بۇ ناھىيەدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان-چارۋىچىلارنى قوش تىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەندىن بۇيان تۈرلۈك شەكىللەردىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان-چارۋىچىنى قوش تىل ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشكە يېتەكلىدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان-چارۋىچى ئاساسلىق بىلىملەرنى ئىگىلىگەندىن سىرت، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

  باي ناھىيەسى 2014-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ناھىيەدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان-چارۋىچىلارنى قوش تىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەندىن كېيىن تۇردىنىياز مەھەممەت كەنتىدە «قوش تىل» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتى. بىر نەچچە ئاي ئۆگىنىش ئارقىلىق، يېقىندا ئۇ خەنزۇ تىلىدا ئاددىي سۆزلەرنى سۆزلىگەندىن سىرت، قىيام شوخلىسى زاۋۇتىغا پەسىللىك ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىندى.باي ناھىيە مىچىغ يېزا قۇممەھەللە كەنتىدىكى دېھقان مىلىكەم ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئىلگىرى خەنزۇ تىلىنى ئازراقمۇ بىلمەيتتىم، مۇشۇ كۇرسقا قاتنشىش ئارقىلىق خەنزۇچە خەتنى يازالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان، باشقىلار بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدۇم.قوش تىل تەربىيەلەش كۇرسىدا، كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت گورۇپپىسى يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوش تىلدا دەرس ئۆتىدىغان ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتتىكى ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان-چارۋىچىلارغا قوش تىلدا خالىسانە دەرس ئۆتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر بۇ ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزا-كەنتلىرىدە قوش تىل تەربىيەلەش نوقتىسىدىن 170 ئى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 4265 كىشى تەربىيەلەشكە قاتناشماقتا.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر