باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯩﺰدﯨﺪﯨﻢ

ئۆمەرجان سىدىق

2015.08.26 11:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺮەڭ ﺧﺎزاﻧلار ﮔﻮﻳﺎ ﭘﺎﻳﺎﻧﺪاز،
ﺗﺎﭘﯩﻨﯩﻢ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺷﯩﯟﯨﺮلار ﺋﺎﺳﺘﺎ.
ﻗﻪﻳﻪردە ﻳﯜرﮔﻪﻧﺴﻪن ﮔﯜﻟﯜم ﺳﻪرۋﯨﻨﺎز،
ﺋﻮرﻣﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎرﯨلاپ ﻛﯧﻠﯩﻤﻪن ﺗﻪﻧﮭﺎ.

ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﻪن ﺋﯧﺴﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ،
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﻪن ﺑﺎﺷﻘﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﻪن ﻣﻪﺷﯘق.
ﺋﺎھ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﺎﻗﺘﺎ دەرﺗﺘﻪ ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗ،
ﻳﯜرﯨﻤﻪن ﭘﻪرﯨﺸﺎن ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻢ ﺗﯘﺗﯘق.

ﺗﺎﻏلارﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻢ ﺳﯧﻨﻰ،
ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻐﯘ، ﻗﻮل ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﭗ، دەپ.
ﭼﻮﻗﻘﯩﻐﺎ ۋارﻗﯩﺮاپ ﺳﻮرﯨﺪﯨﻢ ﺳﯧﻨﻰ،
ﮬﻪر ﻗﺎرﯨﻐﺎي ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ۋەﺳﻠﯩﯖﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ.

ﭼﻮﻗﻘﯩلار ﻗﺎﻳﺘﯘردى «ﻗﯧﻨﻰ»دەپ ﺳﺎدا،
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻤﯘ «ﻗﯧﻨﻰ»دەپ ﺋﯚرﺗﻪﻧﺪى رەت - رەت.
ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ۋادﯨلار ﺑﻮﻟﺪى ﻣﺎﺗﯩﻤﯩﻢ،
ﺋﺎھ ﻳﯜدۈپ ﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻨﯩﻢ ﺟﯘداﻟﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪت.

ﺷﺎۋﻗﯘﻧﻠﯘق ﻛﻮﭼﯩﺪا ﻣﻪﻧلا ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ،
ﺳﻪن ﻛﻪﺑﻰ ﮬﻪر ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﻟﻤﯜردۈم ﻗﺎراپ.
ﺑﻮﻳﯘﯕﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ﺗﺎلاي ﮔﻪۋدﯨﮕﻪ،
ﺑﯩﻤﺎدار ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯩﻢ ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪاپ.

ﺳﻪن ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﯘﺗﺘﯘڭ ﻣﯧﻨﻰ ﻧﻰ زاﻣﺎن،
ﺳﺎرﻏﺎﻳﻐﺎن ﻳﺎﭘﺮاﻗﻘﺎ ﭼﯜﺷﻤﻪس ﻧﻪزﯨﺮﯨﯔ.
ۋە ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎل ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪي ﺟﺎﻧﺎن،
ﺑﺎر ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻳﯜرەﻛﻜﻪ ﻗﻪرزﯨﯔ...
2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر