باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﮬﯩﺠﺮان ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﺳﯩﻤﺎﻗﺘﺎ دار

ئۆمەرجان سدىق

2015.08.26 11:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻏﻤﺎﻗﺘﺎ ﻳﺎﻣﻐﯘر،
ﻳﺎت ﺷﻪﮬﻪردە ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ.
ﺟﯘداﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺠﯩﺮى ﻗﯩﻴﻨﺎپ،
ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﯩﻤﻪن ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪدرﯨﯖﮕﻪ.

ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎن ﺋﻪرﻟﻪر ﻳﺎﺗﯩﻘﻰ،
ﻗﺎﻏﺠﯩﺮاﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ دۇﻧﻴﺎ.
ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻗﻪﻟﺐ،
ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪۇ دەرﻳﺎ.

ﺗﻪﻳﻴﺎر ﭼﯚﭘﻜﻪ ﺗﺎرﺗﻤﺎس ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎ،
ﻳﯘرت ﭘﯘرﯨﻘﻰ ﻛﯧﻠﻪر ﺷﯘ ﻧﺎﻧﺪﯨﻦ.
ﺋﯚي ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﻛﯚزﮔﻪ،
ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﯩﺪۇ ﺟﺎﻧﺪﯨﻦ.

ﻗﻮﻟﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ، ﺋﯚزىمۇ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ،
ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎرﺳﺎم ﺳﻪن ﺋﻮﻳﯘﻣﺪا ﺑﺎر.
ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪپ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎن،
ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ﻣﯧﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰار.

ﺑﯩﺮاق ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﯧﭙﯩﻠلار ، ﻳﻮﻟلار،
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ.
ﻳﺎت ﺗﺎۋۇﺷلار ﺋﯩﭽﺮە ﻣﻪن ﺗﻪﻧﮭﺎ،
ﻳﯜرﻣﻪﻛﺘﯩﻤﻪن ﺳﯧﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ.

ﺳﻪن ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻰ، رەﻧﺎﺳﻰ،
ﺟﯜپ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﻠﯘق ﺷﻪﻳﺪاﺳﻰ.
ﻣﯧﮭﺮﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺷﺎردى ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ،
ﺳﻪن ﺑﻪﺧﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﮭﺎ ﮬﻪﻏﺪاﺳﻰ.

ﺳﯜزۈك ﭼﯧﮭﺮﯨﯔ ﺋﻮﻳﯘﻣﺪا ﭼﺎﻗﻨﺎر،
ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﺎﻟﻐﯩﺘﺘﯩﯔ ﺗﻪﻛﺮار.
ﺋﯩﭙﺎر ﮬﯩﺪﯨﯔ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪا ﻟﻪﻳﻠﻪپ،
ﺋﯩﻨﺘﯩﺰارﻟﯩﻖ ﻗﯩﻴﺎﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎر.

ﺗﺎﻏلار ﺋﯧﮕﯩﺰ، ﻳﻮﻟلار ﺑﻪك ﻳﯩﺮاق.
ﮬﯩﺠﺮان ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﺳﯩﻤﺎﻗﺘﺎ دار.
ﺟﯜپ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯩﭽﯘ ﺋﻪﮔﻪر،
ﺋﯘﭼﯘپ ﺑﺎرﺳﺎم ﻳﯧﻨﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪي ﻳﺎر.
2004- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر