خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە گۇما ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ خىزمەت بېناسى خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقتىن، كىتابخانا ئىككى ئاپتوموبىلدىن پايدىلىنىپ «ئەلگە قولايلىق كۆچمە كىتاب سېتىش ئورنى» تەسىس قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ كىتاب كۆرۈش ۋە كىتاب سېتىۋىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
سۈرەتتە: كىشىلەر ناھىيە مەركىزىدىكى «ئەلگە قولايلىق كۆچمە كىتاب سېتىش ئورنى»دىن كىتاب سېتىۋالماقتا.
(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم خەۋىرى، فوتوسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى