باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چوڭ پارات شىنجاڭلىقلارنى ھاياجانلاندۇردى

2015.09.06 10:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى رەيھانگۈل ئىمىر: بۈگۈن مەن تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلىتىمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ ۋە دۇنيا فاشىزىمىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن چوڭ ھەربىي كۆرەكنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىلەن كۆرۈپ بەك قاتتىق ھاياجانلاندىم، پاراتتىن ئۆتكەن ھەربىيلەرنى بولۇپمۇ 70 يىل ئەشۇ ئۇرۇشلاردا بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلغان پىشقەدەم ھەربىيلەرنى كۆرۈپ ھاياجانلانغىنىمدىن كۆزۈمدىن ئىسسىق چىقتى. ئىشىنىمەنكى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىز تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ،كۈنلىرىمىز شۇنداق بەختىيار، خۇشال ئۆتىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى پاتىگۈل كېرەم: 3 – سىنتەبىر ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا چوڭ ھەربىي كۆرەكنى كۆرۈشكە تەييار بولدۇم. ھەربىي پاراتدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى قورال – ياراغلىرىنى، جەڭگىۋار ئوفېتسىر – ئەسكەرلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلاندىم. كۆرەكتە دۆلىتىمىزنىڭ ناھايىتى تەرەققىي قىلغانلىقى، دۆلەت ئومۇمىي كۈچىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكى ھەقىقىي نامايەن بولۇپتۇ. شۇ دەقىقىلەردە ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن بەكمۇ پەخىرلەندىم. گەرچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىگە 70 يىل بولغان بولسىمۇ بۇ شان – شەرەپنى بىز، جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ قەلبىمىزدە ساقلايمىز. مۇشۇ خىل ھېسسىيات بىلەن مەن ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننىڭ شان – شەرىپىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى، ۋەتەننىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىمىزدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ھەر بىر سائەتلىك دەرسكە، ھەربىر قېتىملىق تەلىم تەربىيىگە، دەرىس ئۆتۈش جەريانىدا يەتمەكچى بولغان ھېسسىيات نىشانى سۈپىتىدە سىڭدۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارىمەن.

  ئۈرۈمچى «مەغرىپ» سودا شېركىتى، «مىراس» كىيىمچىلىكىنىڭ لېدىرى قەمىردىن مەمتېلى: 3 – سىنتەبىر تېلىۋېزوردىن چوڭ ھەربىي كۆرەكنىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىلىشىنى كۆرۈپ بەك قاتتىق ھاياجانلاندىم. دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئىلغار قۇراللىرىنى كۆرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكىنى ھېس قىلدىم، بىزدە «ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى روھىڭ سامان بولماس» دىگەن گەپ بار، ھەربىي كۈچى، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بىر دۆلەت ھېچكىمگە بوزەك بولمايدۇ، دۆلەت كۈچلۈك بولسا خەلق خاتىرجەم ياشايدۇ. ئۆزۈمنىڭ بىر جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن بەكمۇ پەخىرلەندىم شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىللىق قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر