- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىز ئابونىتلارنىڭ« تېلېفوننى ھەقىقىي ئىسىمى بىلەن تىزىملىتىش تۈزۈمى»خىزمىتىنى ئالدى بىلەن تاماملاپ، قانۇنسىز«قارا كارتا»ئىشلىتىشكە قاتتىق زەربە بەردى
2015.09.06 16:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- سېنتەبىردىن باشلاپ «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق تېلېفوننى ھەقىقىي ئىسىمى بىلەن تىزىملىتىش تۈزۈمى» مەملىكەت ئىچىدە يولغا قويۇلۇپ، بارلىق تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەر خەۋەرلىشىش كەسپى بېجىرىشتە چوقۇم ھەقىقىي ئىسىمى بىلەن تىزىملىتىش بەلگىلەندى. ئاپتونوم رايونىمىز بولسا 2013-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، تېلېفون ئابونىتلىرىنىڭ« ھەقىقىي ئىسىمى بىلەن تىزىملىتىش تۈزۈمى» خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن بۇ خىزمەتنى تاماملىدى. بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ«قارا كارتا»نى باشقۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە«قارا كارتا»ئىشلىتىش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقنى قوغدىدى.
پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەۋەرلىشىش ئىدارىسى خېرىدارلارنىڭ تىلفۇن ئارقىلىق ئەرز قىلىشىنى قوبۇل قىلىش مەركىزىنى قۇرغان بۇلۇپ، «قارا كارتا» مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى پاش قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىنغان، پاش قىلىش تېلېفونى:12300؛ تېلگىراف كارخانىلىرى پاش قىلىش قوبۇل قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېلېگراف ئابونىتلىرى پاش قىلىش تېلېفونى : 10000 ؛ شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئابونىتلىرىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى:10086 ؛ شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئابونىتلىرىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى: 10010 . (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر