باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەربىي پارات مۇراسىمى چەتئەل ئەمەلدارلىرى ۋە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جۇڭگولۇقلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى

2015.09.06 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئىككى كۈندىن بۇيان، تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. پاكىستان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالى ئۆلچەمدە جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى بىۋاسىتە كۆرسەتتى. ھەمدە بۇ يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى پاكىستاننىڭ دۆلەت بايرىمى ۋاقتىدىكى ھەربىي پارات بىلەن ئوخشاش ئۆلچەمگە قويدى. پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فاتىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە پۈتۈن ئاسىيانىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات بىر مۇھىم ئىش. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات جۇڭگوغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبە قىلىشى جۇڭگونىڭ يېڭى تارىخى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. چىلى بېيجىڭ چەتئەل بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گۈەن جىنتاۋ تەكلىپكە بىنائەن نەق مەيدانغا كېلىپ ھەربىي پاراتنى كۆرگەن جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى قېتىمقى ھەربىي پاراتنى كۆرگەن ئىدىم، بۇ قېتىم بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن جۇڭگو ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا ئاداۋەتنى ئەستە ساقلاش بولماستىن بەلكى تارىخنى ئەستە ساقلاش، تىنچلىقنى قوغداش مەقسەت قىلىنىپتۇ. چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەربىي پارات مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئارقا ئارقىدىن ۋەتىنىمىزدىن پەخىرلەندۇق ۋە ئىپتىخارلاندۇق دېدى. ياپونىيە ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاسپىرانتلىقدا ئوقۇۋاتقان ياڭ چاڭمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىدىكىلەر ياپونىيىدە ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان جۇڭگولۇقلار، ئۇلار ھەربىي پاراتنى چەتئەلدە كۆرۈپ روھلاندۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۆسۈپتۇ، دۆلەت قۇدرەت تېپىپتۇ، دېيىشتى . بۇ خىل مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈش بىزنى ئىنتايىن ئىپتىخارلاندۇردى، بىزگە ئىنتايىن چوڭ ئىلھام بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر