باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

100دىن ئارتۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى شىنجاڭغا كىلىپ ھەمكارلىق ئىزدىدى

2015.09.06 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- سېنتەبىر جۇڭگو كىيىم-كېچەك جەمئىيىتى ئىشتانچىلىق كەسپىي كومىتېتىنىڭ 2015 -يىللىق مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ۋە شىنجاڭ كىيىم–كېچەك كەسپى تەرەققىيات تۇتاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جىيۇمۇۋاڭ، جىڭجوۋلىڭشىيۇ قاتارلىق100دىن ئارتۇقۇلما كىيىم كېچەك كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى كەسىپداشلار بىلەن نەق مەيداندا ھەمكارلىق تەرەققىيات پۇرسىتى ياراتتى.

  پائالىيەت كۈنى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىيىم - كېچەك جەمئىيىتى ئىشتانچىلىق كەسپىي كومىتېتىنىڭ ئەزا كارخانىلىرى بىلەن شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، توقۇمىچىلىق كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش پىششىقلاش كارخانىلىرىنى زاكاز تالونى بىلەن جىپسىلىشىش سۆھبىتى ئېلىپ باردى. ھەمدە شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى تەرەققىيات جەھەتتە ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇل ۋە سىياسەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا118 تۈرگە مەبلەغ سالغان بولۇپ، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ297 مىليون يۈەن ،مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ70.5 مىليون يۈەن بۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن187% ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمچىلىق تۈرىدىن 58 ى بار بۇلۇپ، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ267.5 مىليون يۈەن، كىيىم–كېچەك تۈرىدىن 60 ى بار بۇلۇپ،29.29 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر