خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ6 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش جەريانىدا قازا قىلغان ئۈچ ياشلىق ئوغۇل بالا ئايلان كۇردىنىڭ ئاتىسى ئابدۇللا ئال كۇردى ئايالى بىلەن ئىككى ئوغلىنىڭ جەسىتىنى شۇيەر ۋاقتى 4- سېنتەبر يۇرتى كوپانىغا قايتۇرۇپ كېلىپ دەپنە قىلدى. ئۈچ ياشلىق ئايلان كۇردى چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش جەريانىدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلغان. تۈركىيە دېڭىز ساھىلىدا دۈم ياتقان جەسەت سۈرىتى دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. ئۇنىڭ ئانىسى رېيخام بىلەن بەش ياشلىق ئاكىسى غالىپمۇ قازا قىلغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى