باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پېڭ لىيۈەن بوكىۋا بىلەن كۆرۈشتى

2015.09.06 16:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قىزلار ۋە ئاياللارنىڭ تەربىيىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى پېڭ لىيۈەن 4-سېنتەبىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىستزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بوكىۋا بىلەن كۆرۈشتى. پېڭ لىيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتىن بولدى. جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىشىنىمۇ ئاياللار مائارىپىنىڭ ئومۇملاشقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ قىزلار ۋە ئاياللارنىڭ تەربىيىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئالاھىدە ئەلچىلىك بۇرچۇمنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، بارىلىق قىزلار ۋە ئاچا سىڭىللارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىمەن. بوكۋا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە پېڭ لىيۈەننىڭ قىزلار ۋە ئاياللار مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە ئالاھىدە باھا بەردى. پېڭ لىيۈەن بوكىۋا بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا قىزلار ۋە ئاياللار مائارىپ تەتقىقات مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشقان ئاسىيا ئافرىقا ئەللىرى كۇرسانتلىرى بىلەن كۆرۈشتى. پېڭ لىيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ فوند تەسىس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلىشىگە ياردەم بەردى. بولۇپمۇ قىزلار ۋە ئاياللارنى تەربىيىلەشكە تۈرتكە بولدى. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر