باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەكشۈرۈش: %70 ئورۇن بالىنى خىزمەت ئورنىغا ئېلىپ بېرىشنى قوللىمايدىكەن، %30 خىزمەتچى بۇنىڭدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىكەن

2015.09.06 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يازلىق تەتىلدە مەن 2-3 قېتىم بالامنى ئىدارىگە ئېلىپ بارغان ئىدىم، خىزمەتداشلىرىم بۇنىڭدىن سەل نارازى بولدى.» تەتىل ئاياقلىشىشى بىلەن، ئۆيىدە كەپسىز بالىلىرى بار خىزمەتچىلەر ئاخىرى ھاردۇقى چىققاندەك ھېس قىلىشتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلىپ بېرىلغان «خىزمەتچىلەرنىڭ تەتىلدە بالىلىرىنى ئىشخانىسىغا ئېلىپ كېلىشىگە قارىتا» تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %30كە يەتمىگەن ئادەم ئىشلەتكۈچىلا خىزمەتچىلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئىشخانىغا ئىلىپ كېلىشنى قوللايدىكەن، بالىلىرىنى ئىلىپ كېلىشنى بۇيرۇق بىلەن چەكلىگەن ياكى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شىركەتلەر %70تىن ئاشىدىكەن.

  %30 خىزمەتچى بالىلىرىنى خىزمەتكە ئېلىپ كېلىشكە قارشى تۇرغان
  %20 شىركەت قارشى تۇرمىغان
  مۇتەخەسسىنىڭ قارىشى: يازلىق تەتىلدە خىزمەتچىلەرنىڭ ۋاقتى ئەركىنرەك ئورۇنلاشتۇرۇلسا

  مۇتەخەسس فېڭ لىيجۇەن مۇنداق بىلدۈردى: خىزمەت قىلىۋاتقان ئاتا ـ ئانىلار كارخانىدىكى ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئاساسلىق بىر توپ، شۇڭلاشقا ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ يازلىق تەتىلنى ئۆتكۈزۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەمەلىي قىممىتى بار. كارخانىلارنىڭ «يازلىق تەتىل سىنىپى»قىلىشى ئەمەلىيەتكە ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس، بىراق ياللىغۇچىلار قىسمەن قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرسە بولىدۇ، مەسىلەن، يوقلىما تۈزۈمنى سەل بوشاتسا، ئايال خىزمەتچىلەرنى مۇشۇ مەزگىلدە مائاشلىق دەم ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرسا؛ يازلىق تەتىلدە تېخىمۇ ئەركىن بولغان خىزمەت ۋاقتى ۋە ئۆيدە ئىشلەش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىسە؛ خىزمەتچىلىرىگە ياردەملىشىپ ياخشى بولغان يازلىق تەتىلدە قاراش ئاپپاراتلىرىنى تاللىشىپ بەرسە. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر