باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلپىن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلۇقلىدى

2015.09.06 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، گۈلجامال خېلىل خەۋەر قىلىدۇ) 3-سېنتەبىر، پايتەختىمىز بېيجىڭدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش ھەيۋەتلىك پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. كەلپىن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئۇسۇلى بىلەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بەخت تىلىدى.

  گەزلىك بازىرىنىڭ قۇملۇغ كەنتىدىكى دېھقان خۇدەيچىخان تاش بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 17 يېشىدىن باشلاپ نان يېقىشقا باشلىغان. كەنتتىكى ھەممەيلەن ئۇ ياققان ناننى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ يەيدۇ. گەرچە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئانچە باي - باياشات بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. ئۇ بۇ قېتىم «ياشاپ كېتىڭ پارتىيەم» دېگەن خەت بېسىلغان نان يېقىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مېھر - مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

  گەزلىك بازىرى قۇملۇغ كەنتىدىكى دېھقان خۇدەيچىخان تاش مۇنداق دېدى :«ئازراق بۇغداي ئۇنىدىن پايدىلىنىپ، ئاز بولسىمۇ پارتىيەمگە كۆڭۈل سوۋغىسىنى بىلدۈردۈم، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، كەلپىن ناھىيە يۇرچى يېزىسىدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگىنىگە 30 يىلدىن ئاشقان لېتىپ ھوشۇرنىڭ پايون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە ئاتاپ تەييارلىغان «جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسى» باش تېمىسىدىكى رەسىمنى سىزغانلىقىنى كۆردى.

  مۇخبىر كەلپىن ناھىيەلىك كې ۋاڭ كىيىم تىكىش شىركىتىگە بارغىنىدا 20دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تىككۈچى ئۇستامنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قىزىل رەختنىڭ ئۈستىگە كۆز قويۇپ خەنزۇچە خەت يېزىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بەخت تىلىگەنلىكىنى كۆردى. تىككۈچى ئۇستام ماينۇر خۇدۇيۇم مۇنداق دېدى :«بىز قولىمىزدىكى ھۈنىرىمىز ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. 3 - سېنتەبىردىكى پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر