خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ6 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، « تۆت خاھىش » نى ئىزچىل تۈزىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور بېكىتىدە « تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق « تۆت خاھىش »نى تۈزەش- نازارەت قىلىش - پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى» نى بۈگۈن يولغا قويدى. سەھىپىدە«مەن مەلۇم قىلىمەن» كۆزنىكى تەسىس قىلدى.« ھەپتىدە بىر قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» سەھىپىسى 16- سېنتەبردىن باشلاپ، ھەر ھەپتە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەرنى ئىسمى فامىلىسىنى ئاتاپ ئېلان قىلىپ ئاشكارىلايدۇ. سەھىپىدە يەنە«دېلو ئۆرنىكى ئاگاھلاندۇرۇش» ۋە «تورداشلار سۆز قالدۇرۇش» سەھىپىسى تەسىس قىلىندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى