باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىنىي ساھەنىڭ تىنچلىق دۇئا تىلاۋەت پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.09.06 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىستزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە دىنىي ساھەنىڭ تىنچلىق دۇئا تىلاۋەت پائالىيىتى 4-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چى شۈچۇن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن تىنچلىق دۇئا تىلاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشقان دىنىي ساھەنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ پائالىيەتنى جۇڭگو دېنى ساھە تىنچلىق كومىتېتى تەشەببۇس قىلغان ؛ مەملىكەت خاراكتېرلىق دىنىي تەشكىلاتلار پائال ئاۋاز قوشتى. جۇڭگو بۇددا دېنى ، تەرىقەت دېنى، ئىسلام دېنى ، كاتولىك دېنى، خىرستىيان دېنى جەمئىيەتلىرى تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرىلەش ۋە دۇئا تىلاۋەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو دىنىي ساھە تىنچلىق كومىتېتى جۇڭگو دېنى ساھە تىنچلىق مۇراجىئەتنامىسى ئېلان قىلىپ، جۇڭگودىكى دېنى ساھەنىڭ تارىخنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىدىغانلىقىنى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دېنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ ئەبەدىي تىنچلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر