باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 18-تۈركۈمدىكى لاياقەتسىز يېمەكلىكلەر ئاشكارىلاندى

2015.09.06 17:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇھىم مەسىلىلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇنداقلا كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، يېقىندا بىر قېتىملىق ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكى چىقتى، مۇبادا سىز بۇ مەھسۇلاتلارنى كۆرسىڭىز، تېلېفون قىلىپ مەلۇم قىلىشنى ئۇنتىماڭ.

  2-چېسلا، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك، دورا نازارەت ئىدارىسى 2015-يىللىق 3-قېتىملىق دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش بويىچە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلدى. 18 تۈركۈم لاياقەتسىز يىمەكلىك پاش قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى 6-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك، دورىلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنى قاتارلىق تەكشۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان بەش ئورۇن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا ياسالما مەھسۇلاتلار، تەم تەڭشىگۈچ، يېمەك ـ ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 19 چوڭ تۈر بويىچە 285 خىل يېمەكلىك ۋە 16 خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قارىتا ئەۋرىشكە ئىلىپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 285 خىل يېمەكلىك ئىچىدىكى 13 خىل يېمەكلىك لاياقەتسىز بولۇپ، لاياقەتسىز بولۇش نىسپىتى %4.6؛ ساغلاملىق مەھسۇلاتىدىن 11 خىلى ئىلىپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، 5خىلى سۈپەتسىز مەھسۇلات بولۇپ چىققان، لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى %31.3 بولغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر