باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل 4006نەپەر يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى، يېزا نوپۇسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نىسبىتى ئۇدا كۆپەيمەكتە

2015.09.06 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ6 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:5 - سېنتەبىر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرسقا 4006 نەپەر يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى 19.14%كە يەتكۈزۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇدا ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ 4006 نەپەر يېڭى ئوقۇغۇچى ئىچىدە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى باش شىتابىدا3175نەپەر، تېببىي بۆلۈمىدە 831 نەپەر بار ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، ئۇچۇرشۇناسلىقى قاتارلىق بەش چوڭ پەن مۇسابىقىدە جەمئىي386نەپەر ئالتۇن مېدال ھاسىل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 225 نەپەر ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 15 نەپەر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمزالىشىپ ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچى خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 14 ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. ئالتۇن مېدال سانى ۋە مېدال سانى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالدى بولغان. بولۇپمۇ خىمىيە خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقسىدە، 4 نەپەر بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو ۋەكىللەر كوماندىسى ماھارىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۆت ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر