باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ70يىللىقىنى خاتىرىلەش تېمىسىدىكى پوچتا ماركىسى تارقىتىلدى

2015.09.06 15:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى»نى خاتىرىلەش تېمىسىدىكى پوچتا ماركىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى خاتىرە ئورنىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ بىر يۈرۈش پوچتا ماركىسى 13 پوچتا ماركىسى ۋە بىر كىچىك تىپلىق ماركا بېسىش قەغىزىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ماركىنىڭ ئومۇمىي باھاسى 20.8 يۈەن ئىكەن. بۇ پوچتا ماركىلىرى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە ئەسلىھەلىرى، يادىكارلىقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇ «18 - سېنتەبىر» تارىخىي مۇزېيى، شەرقىي شىمال ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كىچىك تىپتىكى ماركا بېسىش قەغىزىگە «قىلىچ سىمفونىيەسى»نىڭ ھەيكىلى، سەددىچىن سېپىلى، قىزىل تاۋار لېنتا، تىنچلىق كەپتىرى قاتارلىق سىمۋوللار بېسىلغان بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بەلگىسى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان.

  شۇ كۈنى يەنە ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى «قىزىل» باش تېما قىلىنغان پوچتىخانىغا 8 - ئارمىيە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى خاتىرە ئورنىدا ۋىۋىسكا ئېسىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، «قىزىل» باش تېما قىلىنغان بۇ پوچتىخانىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى تارماق شىركىتى ۋە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى ۋە پوچتا ماركىسى ھەۋەسكارلىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى پوچتا ماركىلىرى، پوچتا بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش، سېتىپ بېرىش، يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىپ بىرلىكتە قۇرغان ئىكەن.

  مۇراسىمدا، «قىزىل» باش تېما قىلىنغان پوچتىخانا قۇرۇلغانلىقىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە، «شىنجاڭدىكى ئىنقىلابىي تارىخىي شەخسلەر خاتىرە ئاتكرىتكىسى» ۋە «قىزىل» پوچتىخانىسىنىڭ قۇرۇلغىنىنى خاتىرىلەش كونۋېرتىدىن بىر يۈرۈش تارقىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر