باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق 2 - تۈركۈمدىكى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى ئورۇنلىشىپ بولدى

2015.09.06 11:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق 2 - قېتىملىق 2 - تۈركۈمدىكى ئون كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئون ناھىيە، شەھەر، رايونغا ئورۇنلىشىپ بولدى. كۆزىتىش مەزگىلىدە، كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى مەخسۇس دىجورنىلىق تېلېفونى(تېلېفون قوبۇل قىلىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00دىن 22:00گىچە) ۋە مەخسۇس پوچتا ساندۇقى تەسىس قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، بىر دەرىجە تۆۋەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە مۇھىم خىزمەت ئورنىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلغان خەت - چەكلەرنى ۋە ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

  كۆزىتىلىدىغان جايلاردا ئېچىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرىدا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىملىق كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»دىكى بەلگىلىمىنىڭ تەلىپى بويىچە، كۆزىتىش ئوبيېكتىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى» ۋە پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن - نىزاملارنى ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە خىلاپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە خىلاپ سۆز - ھەرىكەتلەر؛ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىسىمۇ توختاتماسلىق، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىش، گۇرۇھۋازلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر؛ پاك - دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، چىرىكلىشىش، چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئادەم ئىشلىتىش، سايلىغۇچىلارنى يېنىغا تارتىش، پارا بېرىپ سايلىنىش، ئەمەل سېتىش - سېتىۋېلىش ۋە ھاكىممۇتلەق بولۇۋېلىش؛ ئاجىز - چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئېغىر دەرىجىدە ئىتتىپاقسىزلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر؛ ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى بايقىشىنى تەلەپ قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى پارتىيەنىڭ ئىشەنچلىك ۋە نوپۇزلۇق ئورگىنى بولۇپ، نازارەت قىلالايدىغان، قاتتىق تېگەلەيدىغان، مەسئۇل بولالايدىغان بولۇشى ۋە «زور مەسىلىلەرنى بايقىيالايدىغان بولۇش، بايقىيالمىسا خىزمەتنى ئادا قىلالمىغان بولۇش، مەسىلىنى بايقاپ تۇرۇپ ئەينەن دوكلات قىلمىسا خىزمەتتە خاتالاشقان بولۇش» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. كۆزىتىلىدىغان جايلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىگە تولۇق ئىشىنىشى، قوللىشى ۋە ماسلىشىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، مەسىلىنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، كۆزىتىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى: مىچۈەن - كۆكتاغ رايونى، دىجورنىلىق تېلېفونى: 4698572 - 0991، پوچتا خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى 127 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى.

  ئىككىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى: جىڭ ناھىيەسى، دىجورنىلىق تېلېفونى: 13899440813، 7637885 - 0909، پوچتا خەت ساندۇقى: جىڭ ناھىيەسى ئىلى يولى شىنيۈەن مېھمانسارىيى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس خەت ساندۇقى.

  ئۈچىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى: ئاقسۇ شەھىرى، دىجورنىلىق تېلېفونى: 1377940518، 6713326 - 0997، پوچتا خەت ساندۇقى: ئاقسۇ ۋىلايىتى 10 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى.

  تۆتىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى: دۆربىلجىن ناھىيەسى، دىجورنىلىق تېلېفونى: 18097790533، 18097790807 (مۇقىم تېلېفون)، پوچتا خەت ساندۇقى: دۆربىلجىن ناھىيەسى 1 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى.

  بەشىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى: جېمىنەي ناھىيەسى، دىجورنىلىق تېلېفونى: 13999783223، 6194592 - 0906، پوچتا خەت ساندۇقى: جېمىنەي ناھىيەسى 68 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى.

  ئالتىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى: قاراماي رايونى، دىجورنىلىق تېلېفونى: 18909901211، 18909901033، 6989915 - 0990، پوچتا خەت ساندۇقى: قاراماي شەھىرى غەربىي ئايلانما يولى 39 - نومۇر 730 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى.

  يەتتىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى: تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى، دىجورنىلىق تېلېفونى: 8578490 - 0995، پوچتا خەت ساندۇقى: تۇرپان شەھىرى 12388 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى.

  سەككىزىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى: خوتەن شەھىرى، دىجورنىلىق تېلېفونى: 7828043 - 0903، پوچتا خەت ساندۇقى: خوتەن شەھىرى ئۈرۈمچى جەنۇبىي يولى 57 - نومۇر 1111 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى.

  توققۇزىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى: لوپنۇر ناھىيەسى، دىجورنىلىق تېلېفونى: 17767670701، 4026138 - 0996، پوچتا خەت ساندۇقى: لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر مېھمانخانىسى 001 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى.

  ئونىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى: مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، دىجورنىلىق تېلېفونى: 4837203، 4837202 - 0994، پوچتا خەت ساندۇقى: مورى ناھىيەسى خەلق شىمالىي يولى 4001 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر