خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچادىكى ھەر مىللەت ئىشچى–خىزمەتچى ۋە ئامما 3-سىنتەبىر ئەتىگەندە تېلېۋىزۇردىن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يىغىنىنىڭ نەق مەيداننى كۈرۈپ، تولىمۇ ھاياجانلاندى.ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جاپا-مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى . (مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)
مەنبە: خەلق تورى