خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ3 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان 30 نەپەر پېشقەدەم جەڭچى-كادىر، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش گېنېرالى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىگە تۆھپە قوشقان خەلقئارا دوستلار ۋە مەرھۇملارغا ۋاكالىتەن كەلگەن ۋەكىللەرگە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئىزنىكىنى تارقىتىپ بەردى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى