باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھېكايە فىلىم--«مېنىڭ بايرىقىم» تۇنجى قويۇلدى

2015.09.06 11:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىنىدىغان، شىنجاڭ «داسىن» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشلەشنى ئۈستىگە ئالغان، ۋەتەننى سۆيۈش ئارزۇسى كۈچلۈك دېھقان خۇدابەردى ئىمىننىڭ ھەقىقىي ئىش - ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە فىلىم −− «مېنىڭ بايرىقىم»نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  فىلىمدە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرى لەڭگەر كەنتىدىكى دېھقان خۇدابەردى ئىمىننىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆز ھويلىسىدا ھەر كۈنى بايراق چىقىرىپ كەلگەنلىكىدەك ھەقىقىي ۋەقەلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ فىلىمگە داڭلىق رېژىسسور يەن چىڭشيۇ رېژىسسورلۇق قىلغان، «ئانارخان» فىلىمىدە ئانارخاننىڭ دادىسى، «شۇنداق بىر گۈل بار» فىلىمىدە رەيھانگۈلنىڭ دادىسىنىڭ رولىنى ئالغان ئىلغار ئابدۇرېھىم بۇ فىلىمدىكى باش پىرسوناژ مۇساجاننىڭ رولىنى ئالغان، فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى ياش كومپوزىتور ئابلەت ئابلىكىم ئىشلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر