- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ﻧﻮرۇز ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎت
ئۆمەرجان سىدىق
2015.08.26 11:12 مەنبە: خەلق تورى
ﺑﺎﻳﺮاﻣلارﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻢ ﺗﺎلاي،
ﺑﻪﺧﺖ، ﺷﺎدﻟﯩﻖ ﺋﺎﭼﺘﻰ ﻛﻪڭ ﻗﯘﭼﺎق.
ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪرﮔﻪ ﺑﻮﻟﺪۇم ﻣﯘﭘﺘﯩلا،
دەرت ﻳﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﺪﯨﻢ ﻗﯩﺮﺗﺎق.
ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻳﯩﻠلار ﻗﻮﻳﻨﯩﺪا،
ﺋﯩﺰﻏﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ ﮬﺎﻳﺎت رﯦﺘﯩﻤﻰ.
ﺑﯩﺮلا ﺗﯘﻳﻐﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜﮔﻪ ﻳﯧﯖﻰ،
زوق ﺑﯧﻐﯩﺸلار ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯧﺰﯨﻤﻰ.
ﺋﯘ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﻧﻮرۇز،
ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﻐﺎ ﭘﯜﺗﻤﻪس ﮬﺎﻳﺎﺟﺎن.
ﻗﯘﭼﺎق ﺋﺎﭼﺴﺎ ﮬﻪر ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﯕﺎ،
ﺟﯧﻨﯩﻢ ﻳﺎﻳﺮاپ، ﺋﯚرﻛﻪﺷﻠﻪﻳﺪۇ ﻗﺎن.
ﻧﻮرۇز ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪە ﺑﺎﮬﺎر،
دﯨﻞ ﻗﻪﺳﯩﺮﯨﻢ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ ﻳﻮرۇپ.
ﻗﺎﺳﺮاق ﺗﺎﺷلار ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻤﻤﯘ،
ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرۇم ﻗﺎﻳﻨﺎپ، ﺟﯘش ﺋﯘرۇپ.
ﻗﯘﺷﺘﻪك ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪن،
ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯘﻳﺎش ﻣﺎﯕﯩلا ﻳﺎردەك.
ﺑﺎر ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن ﺷﻪﻳﺪا،
دۇﻧﻴﺎدا ﺑﯩﺮ ﻧﻮرۇزلا ﺑﺎردەك.
ﭘﻪﺳﻠﻰ ﺑﺎﮬﺎر، ﺋﺎﭘﺌﺎق ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪر،
ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﻰ ﻗﯘش... ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ﻛﯚﭼﻪر.
ﻧﻮرۇز ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﯩﻨﯔ ﺑﯩﻠﻪن،
ﺋﯚﻣﺮۈم ﺋﯘﻟﯘغ ﺳﯚﻳﮕﯜدە ﺋﯚﺗﻪر.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر