خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ، ناھىيە ھەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخىس ۋە ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلار شەرىپىگە نائىل بولغۇچى كۇچا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ، ساخاۋەتچى قاھار قۇربان ئۆز يېنىدىن خىراجەت ئاجىرتىپ ، 31- ئاۋغۇست بۇ يىل ئاپتووم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرىتىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسىدە قىيىچىلىقى بار ھەر مىللەتتىن بولغان ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 2000 يۈەندىن جەمئىي 12 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى رېئالىققا ئايلاندۇردى .
ئىگىلىنىشچە ، قاھار قۇربان بۇ ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ ، كەلگۈسىدە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ چىقىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگچە ھەر يىلى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 2000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىپ ، ئۇلارنى خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن .
ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەنۋەر ئابدۇرازاقنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە ، قاھار قۇربان 10 يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ ۋە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 60 نەپەردىن ئارتۇق ئائىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ ، تەشكىلنىڭ مۇيەنلەشتۈرۈشىگە ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىپ كەلگەن. سۈرەتتە: 31- ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن قاھار قۇرباننىڭ قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردىمى پۇلى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كۈرۈنۈشلەر . ( 0150- سۈرەتتە : ساخاۋەتچى قاھار قۇربان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەرمەكتە )
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى