باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى يېڭى ئۇسۇل ئارقىلىق دەلىل-ئىسپاتى تولۇق قوش قارا ئۆڭكۈرنى بايقىدى

2015.09.02 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 1-سېنتەبىر تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى لۇ يۇجۈن، يەن چاڭشو ۋە ئامېرىكا ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دەي شىنيۈ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن يۈ چىڭجۈەندىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات ئۆمىكى يەر شارىغا ئەڭ يېقىن يۇلتۇزسىمان جىسىم--Markarrian 231غا غايەت زور ماسسىدىكى قوش قارا ئۆڭكۈرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقىغان. تۈنجى قېتىم ئۈلۈكسىز سىپېكتىر ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ بايقالغان دەلىل-ئىسپاتى ئېنىق بۇ قوش قارا ئۆڭكۈر ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن يەنىمۇ كۆپ قوش قارا ئۆڭكۈر سىستېمىسى بايقىشى ۋە دەلىللىشىگە يېڭى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسى ۋە يۇلتۇزسىمان جىسىملارنىڭ شەكىللىنىشى، ئۆزگۈرۈشىنى چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا تارتىش كۈچى دولقۇنى ۋە ئاساسىي تارتىش كۈچى نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى خەلقئارا ژۇرنال «ئاستروفىزىكا ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىندى.

  بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قويۇلغان «پىلانىتلار ئارا يولدىن ئېزىش» ناملىق ئامېرىكا چوڭ فىلىمىنىڭ نۇرغۇن بۆلەكلىرىگە قارا ئۆڭكۈر ئۇقۇمى كىرگۈزۈلگەن. لۇ يۇجۈن مۇنداق دېدى: بىزنى بۇ قېتىمى تەتقىقاتىمىزدىكى قارا ئۆڭكۈر ئۇقۇمى بىلەن كىنودىكى قارا ئۆڭكۈر ئوخشاش بىر گەپ. «بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزدىكى قارا ئۆڭكۈر يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىكى ماسسىسى ناھايىتى چوڭ بىر خىل قارا ئۆڭكۈر، يەنى غايەت زور ماسسىدىكى قارا ئۆڭكۈرنى كۆرسىتىدۇ، ماسسىسى نەچچە مىليون، ھەتتا ئون مىلياردتىن ئارتۇق قۇياشقا توغرا كېلىدۇ». (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر