باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى تاغلىق كەنتتىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلدى

2015.09.02 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋەر قىلىدۇ: چەت، ياقا كەنتلەردىكى قىيىنچىلىقى بار دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ قېزىلما بايلىق ئىدارىسى 8-گىئولوگىيە ئەترىتىنىڭ باي ناھىيە قېيىر يېزىسىنىڭ دۆڭ چىمران كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتتە 2015-يىللىق «ئالتۇن كۈز ئوقۇش مۇكاپاتى» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن 18 نەپەرئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرسىگە مىڭ يۈەندىن ئىككى مىڭ يۈەنگىچە نەقپۇل ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە، 8 نەپەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەر بىرىگە 500 يۈەندىن جەمئىي 24 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى.

  18 ياشلىق ئېلى ياسىن شىنجاڭ پولات تۆمۈر ئالىي دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئېلى ياسىن بىلەن بوۋىسى ھىمىت مۇسا ئىقتىساد يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كۈن بويى غەم قىلىپ يۈرەتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گورۇپپىسى يولغا قويغان «ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردىمى» پائالىيتىدە ئېلى ياسىن مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىپ خۇشال بولدى.

  بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن تۇرسۇن ئەخمەت بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ۋۇخەن خۇاجوڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ئىنتايىن خۇشال بولدى. لېكىن ئىقتىساد مەسىلىسى ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى. شىنجاڭ قېزىلما بايلىق ئىدارىسىنىڭ قېيىر يېزىسىنىڭ دۆڭ چىمران كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گورۇپپىسى يولغا قويغان «ئالتۇن كۈز ئوقۇش مۇكاپاتى» پائالىيىتى ئۇنىڭ غېمىنى تۈگەتتى.

  شىنجاڭ قېزىلما بايلىق ئىدارىسىنىڭ باي ناھىيە قېيىر يېزا دۆڭ چىمران كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گورۇپپىسى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان كەنتتىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشى ئۈچۈن ئۇدا «ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردىمى» پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ، 50 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر