باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺗﯘﺗﺘﯘق ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ

ئۆمەرجان سىدىق

2015.08.26 11:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﻛﯚزﯨﺪەك ﮔﻮﻳﺎ،
ﭼﻮﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎي ﻛﻪﺑﻰ ﺗﯚﺷﯜك.
ﺗﺎڭ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﻛﺎراﻣﻪﺗﺘﯩﻦ،
ﭼﻮﻗﻘﺎ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺋﺎﻳﻐﺎ دەپ ﺑﯚﺷﯜك.

ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎي،
ﻳﺎ ﻗﻮﻧﺪﯨﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﻮﻗﻘﯩﻐﺎ.
ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ،
ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻟﯩﺒﺎس ﻛﻪﻳﮕﻪن ﺗﯘرﻗﯩﻐﺎ.

ﺋﺎي ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎغ ﮔﯩﺮەﻟﺸﯩﭗ ﭼﯩﯔ،
ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺷﯘﻧﺪاق ﻛﺎراﻣﻪت.
ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﺳﯘﻧﺴﺎڭ ﮔﻪر ﺋﺎﺳﺘﺎ،
ﺋﺎي ﻗﻮﻟﯘﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﻪرﻛﻪن ﺷﯘ ﭘﻪﻳﺖ.

ﺟﺎﻧﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﺎ،
ﺋﺎﻟﻘﺎﻧلارﻧﻰ ﻗﺎﻳﭽﺎ ﻗﯩﭗ ﺟﯜﭘﻠﻪپ.
ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﺎق ﺑﻮﻟﺪۇق ﺑﯩﺘﻪﺧﯩﺮ،
ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯜﭘﺘﻪ ﻳﯜرەك دۈﭘﯜﻟﺪەپ.

ﺟﯜپ ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﺋﺎي،
ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯩﺘﺮﯨﺪى ﺗﯩﻨﯩﻖ.
ﭼﻮﻗﻘﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﻰ،
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯚﭼﺘﻰ ﺷﯘ دەﻗﯩﻖ.
2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﮔﯘﻳﻠﯩﻦ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر