باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىككى يۈزمىڭدىن ئارتۇق «تۈرمىدىن قاچقان» ئالما ھېسابات نومۇر ئۇچۇرى ئوغرىلاندى

2015.09.02 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) تۆنۈگۈن ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن بايقالغان بىر يامان غەرەزلىك يۇمتال «تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان»iPhoneلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، 225مىڭ ھېسابات ئۇچۇرى ئوغرىلانغان، بۇ ئالما شىركىتى تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ يامان غەرەزلىك يۇمتالنىڭ ئالمىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەن.

  بۇ يۇمتالنىڭ ئىسمى « KeyRaider » بولۇپ، ئاساسلىقى «تۈرمىدى قاچۇرۇش»يۇمتالى Cydiaئارقىلىق تارقىلىدىكەن. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىشلەتكۈچىلەر جۇڭگو، فرانسىيە، روسىيە، ياپونىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق 17دۆلەت ۋە رايونغا چېتىلىدىكەن. بۇ يامان غەرەزلىك يۇمتال AppleIDئىشلەتكۈچىلەر ئىسمى ۋە مەخپىي شېفىرىنى يىغقاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن باشقا ئۇچۇرلارنىمۇ يىغىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوخشىمىغان بۇيۇملارنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودى، بىخەتەرلىك كېنىشكىسى ۋە مەخپىي ئاچقۇچىغا قارىتا، ئالما ئىشلەتكۈچىلىرىگە ئۇقتۇرۇش ۋە ئەپ دۇكىنىدىن سېتىۋېلىش سان-سېفىرى ئەۋەتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قىسمەن يانفونلار قايتۇرۇۋېلىش پۇلى تۆلىمىگۈچە نورمال ئىشلىمەيدىغان قىلىپ قويىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر