باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا

ئۆمەرجان سىدىق

2015.08.26 11:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﻛﻪﻟﺪى ﻣﺎﻧﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﮬﺎر،
ﻛﯜﻟﺪى زﯦﻤﯩﻦ، ﻛﯜﻟﺪى ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪر.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪە ﻧﺎﮬﺎر،
ﮔﯜﻟﺴﯩﺰ، ﺑﯩﮭﯘش ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪر،
ﺳﻪن ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎڭ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﻪ ﺑﺎﮬﺎر،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ،
ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺷﻠﯩﻖ ﻳﻪﻟﻜﻪﻣﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎر.
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺗﯘرﻣﯘش رﯦﺘﯩﻤﻰ،
ﻗﯘرﻏﺎق ﻗﻪﻟﺐ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﯕﻨﻰ ﻗﺎزار،
ﺑﻮﻟﺪۇم ﻛﯩﺸﻪن، ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰار،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

ﺋﯩﻨﺎق ﺗﯘرﻣﯘش، ﻗﻮۋﻧﺎق ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ،
ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ.
ﻳﯜرﮔﻪن ﻛﻪﺑﻰ ﻣﻪﻧلا ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ،
ﻳﺎش ﺗﯚﻛﯩﻤﻪن ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪە ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ،
ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻢ ﺗﯩﻨﭻ، ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﺷﺎش دﯦﯖﯩﺰ،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

ﻛﺎرۋﯨﺘﯩﻤﺪا ﺗﯜﮔﯜﻟﯜپ ﻳﯧﺘﯩﭗ،
ﺗﻪﮔﺴﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن ﻏﻪرق.
ﻧﻪﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ، ﻗﻪﻳﻪردﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ،
ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﻤﻪن ﮬﯧﭽﺒﯩﺮﻧﻰ ﭘﻪرق،
ﻛﯚز ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﯘﻳﯘلار ﺷﻪرق،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

ﺗﯩﻨﯩﻢ ﺗﺎﭘﻤﺎي ﺋﺎﻗﻘﯘزدۇم ﻣﯧﮭﻨﻪت،
ﻣﯩﻨﯘﺗﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺗﻜﯜزﻣﻪي ﺑﻮﺷﻘﺎ.
ﺧﺎﻣﺎن ﭼﻪﺷﻠﻪپ ﻳﺎراﺗﺘﯩﻢ ﻗﯩﻤﻤﻪت،
ﻧﻪﻗﯩﺶ ﭼﻪﻛﺘﯩﻢ ﺗﯚﮬﭙﻪﻣﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﺎ،
ﺋﺎھ، ﺋﺎرزۇﻳﯘم ﺋﯩﺪﯨﻐﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

ﭘﻪﻟﻠﯩﻠﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﯚرﻟﻪپ،
ﭼﯜﺷﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﮬﯚرﻣﻪت ﺗﯚرﯨﺪﯨﻦ.
ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺗﻮﻧلار ﺋﯘﭼﯘرۇپ، ﭘﯜۋﻟﻪپ،
ﻗﺎﭼﺎﻟﻤﺪﯨﻢ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚزﯨﺪﯨﻦ،
ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺋﻪﺟﺪاد ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪس، ﻣﯩﯖﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺷﻜﻪ،
ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى ﮬﻮﻗﯘق.
ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﺴﻪﻣﻤﯘ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﯚﻳﯜﺷﻜﻪ،
ﻣﻪن ﺋﻪﺧلاﻗﻨﯩﯔ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ ﺗﻮﻟﯘق،
ﻗﻮﻟﯘﻣﺪا ﮔﯜل، ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﻗﯘﭘﻘﯘرۇق،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

ﺧﺎﺋﯩﻦ ﮬﯧﺴلار دەۋرەﻳﺪۇ ﮔﺎﮬﻰ،
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎدەم، ﺋﺎزﻏﯘﭼﻰ ﺑﻪﻧﺪە.
ﻧﺎزﯨﻨﯩﻨﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﻧﯩﮕﺎﮬﻰ،
ﺑﺎرﭼﻪ ﻣﯜﻟﻜﯜم ﺑﻮلار ﭘﻪﻳﯟەﻧﺪە،
ﻣﻪﻳﻠﻰ دەﻳﻤﻪن ﻛﯩﻴﺴﻪﻣﻤﯘ ﺟﻪﻧﺪە،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

داﻏﺪۇﻏﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮرۇﻧلار ﭘﻪۋەس،
ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﺪا ﻣﯩﻎ - ﻣﯩﻎ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر.
ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪە ﺑﺎر ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻮي - ﮬﻪۋەس،
ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﻪي ﺋﯚﺗﻪر ﻗﻪدەﻣﻠﻪر،
ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪر رەﻗﻪﻣﻠﻪر،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

شۇنداق ياشىغۇم كېلىدۇ بىردىن،
يىراقلارغا كەتسەم مەن قېچىپ.
ئاشسام داۋان، تاغۇ – ئېدىردىن،
دەريالاردا يېگانە ئېقىپ،
يايلاقلارنى قۇچاقلاپ يېتىپ،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

بەزى ماڭا جور بوپ گۈزەل قىز،
قولتۇقلىشىپ يۈرسەم ئورماندا.
يۈرىكىمىز سۆيگۈلۈك دېڭىز،
شېئىر ئوقۇشساق ئوتلۇق ئارماندا.
دۇنيا ئۆلسە ئاشۇ پىنھاندا،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

ياكى بولۇپ ھاراقكەش، لۈكچەك،
كوچىلاردا قالسامكەن يېتىپ.
ئۇچۇپ يۈرسەم ھەر جايدا قۇشتەك،
رەقىپلەرگە دادىل مۇشت ئېتىپ،
خەت – خەۋەرسىز تۇرمۇشقا پېتىپ،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

مەسئۇلىيەت بولمىسا مەندە،
سېلىۋەتسەم تونلارنى دادىل.
مەنمۇ بولۇپ بىر ئاددى بەندە،
ياشاپ باقسام دۇنيادا ئادىل،
راھەت تاپار شۇندا مىسكىن دىل،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

تاشلاپ چىققۇم كېلىدۇ بەزى،
سالاھىيەت ھەمدە ئۆزۈمنى.
ئېغىر يۈك بوپ تۇيۇلار بەرى،
چالسام دەيمەن خاس دىل كۈيۈمنى،
ئىچەي مەنمۇ شۇ داغ سۈيۈمنى،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

تۇيۇلسا گەر ھايات مەنىسىز،
ياشاشنىڭمۇ ئەھمىيىتى يوق.
ئۆلۈم كەلسە ئەگەر تۇيۇقسىز،
قاچالمايسەن مەيلى يىغلا، قورق،
شۇڭا كۆڭلۈڭ بولسۇن پۈتۈن، يوق،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.

ئۈمىد بىلەن ياشاي ھەر ۋاقىت،
مەردانىلىك بولسۇن ماڭا يار.
ئۆتكەن ئىشقا دېمەيمەن ئىست،
كەلگەن كۈندىن قورقمايمەن زىنھار،
چىن ھاياتتىن تېپىپ ئىپتىخار،
ئادەملىكنى بەرسەڭچۇ دۇنيا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر