باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ۋﯨﺴﺎل ۋە ﮬﯩﺠﺮان

ئۆمەرجان سىدىق

2015.08.26 11:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ﺗﯚﻛﯜﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺳﺎرﻏﯘچ ﺧﺎزاﻧلار،
دەرەﺧﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰ ﻟﻪﻳﻠﻪپ.
ﻗﺎﻧﺎت ﺳﯚرەپ ﻛﯧﻠﻪر ﮬﯩﺠﺮاﻧلار،
ﻗﻪﻟﺒﻠﻪرﻧﻰ ﺟﺎراﮬﻪت ﺋﻪﻳﻠﻪپ.

ﻳﺎر ﺑﻮﻳﯩﺪا ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪر،
ﮬﻪﻳﯟەت ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘرار ﺳﯜﻛﯜﺗﺘﻪ.
ﻛﯜزﮔﻪ ﺗﯘﺗﻘﯘن ﺑﻮﭘﺒﻮش ﻛﻮﭼﯩلار،
ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﺗﻪر ﺋﯜﻣﯩﺪﺗﻪ.

ﺧﺎراﺑﯩﻠﻪر ﺑﺎﻏﺮﯨﺪا ﺑﯩﺮدﯨﻦ،
ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺪى ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ ﻗﯩﺰ - ﻳﯩﮕﯩﺖ.
ﮔﻮﻳﺎ ﺗﺎرﯨﺦ، ﺋﯚﺗﻤﯜش ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ،
ﻧﯘرلاﻧﻐﺎﻧﺪەك ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪر ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ.

ﺷﺎﮬﺰادە دەپ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎق ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ،
ﻗﯩﺰ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺋﯚﺗﻤﯜش ﺑﯧﺘﯩﺪە.
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﻟلار ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎن،
ﻳﯜزﻟﻪردە ﺋﻮت ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺗﻪﭘﺘﯩﺪە.

ﻗﯩﺰ ﻳﯜزﯨﺪە ﻣﻪﻳﯜس ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم،
ﻳﯩﮕﯩﺖ ﮬﯩﺠﺮان ﭘﻪﻳﺘﯩﺪە ﻣﯘﯕﻠﯘق.
ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺋﯘلارﻧﻰ،
ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻤﯘ ﻣﺎﺗﻪﻣﻠﯩﻚ، ﺗﯘﺗﯘق.

ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰ، ﮬﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣلار،
ﺟﯘداﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﯘﺗﯩﺪۇ ﻣﺎﺗﻪم.
ﺋﺎدەﻣﺴﯩﺰ ﻳﻮل، ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺧﺎراﺑﻪ،
دەرﺗﻠﯩﻚ دﯨﻠﻐﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﻣﻪﻟﮭﻪم.

ﺳﻪرۋى ﺑﻮﻳﻠﯘق ﮔﯜزەل ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ،
ﺷﺎﮬﺰادﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪا ﺗﯩﺘﺮەپ.
ﺋﻪڭ ﺋﺎداﻗﻘﻰ ﭘﻪﻳﺘﻠﻪردە، ﺗﯘﻧﺠﻰ-،
ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪرﻣﻪﻛﺘﻪ دەﺳﻠﻪپ.

ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺟﯜﭘﻠﻪﺷﺘﻰ ﻟﻪۋﻟﻪر،
ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻳﺎﻧﺪۇردى ﮔﯜﻟﺨﺎن.
ﻧﯩﮭﺎت ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺟﯘداﻟﯩﻖ،
ﻛﻪﻟﺪى ﻣﺎﻧﺎ ﺗﺎپ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺷﯘﺋﺎن.

ﺋﺎھ ﻧﻪﻗﻪدەر ﺋﺎزاﺑﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﻪت،
ﺗﯘﻧﺠﻰ ۋﯨﺴﺎل ﺋﯩﭽﺮە ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ.
ﺑﻮﺗﺎ ﻛﯚزدە ﻟﯩﻐﯩﺮلاﻳﺪۇ ﻳﺎش،
ﻗﯩﺮان دﯨﻠﺪا دەرﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﺶ.

ﺗﯘﻧﺠﻰ ۋﯨﺴﺎل، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﮬﯩﺠﺮاﻧﻨﻰ،
ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﺪى ﻗﻪدﯨﻢ ﺷﻪﮬﻪردە.
ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪر،
زاﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪى ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﻳﻪردە.

ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﮬﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ،
ﺳﯘﻛﯘﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘغ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎت.
ﺳﯧﮭﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺷﯘدەم،
ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺪى ﮬﻪﻳﮭﺎت.
ﺋﻪﺟﺪات روﮬﻰ ﺋﯘلارﻏﺎ ﻳﯚﻟﻪك،
ﺳﯜرﺗﯩﯟەﺗﺘﻰ ﻛﯚزدﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﻨﻰ.
ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﺘﻰ ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن،
ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﻰ.
2007 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، دۇﻧﺨﯘاڭ


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر