باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﭘﻪﻟﻠﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻧﯩﺸﺎن ﻧﻮرۇزدىن

ئۆمەرجان سىدىق

2015.08.26 11:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



ﻧﻮرۇز.
ﺑﺎﺳﻘﯩﻨﯩﯖﺪا زﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﻗﻪدەم،
ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﺟﯚر ﺑﻮلار ﻛﯚﻛﻠﻪم.
ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚرﻛﻪﺷﻠﻪپ ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ،
ﺷﻪﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﻮرﻏﯩلار ﻗﻪﻟﻪم.

ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﺋﯘﻟﯩﻐﺎن ﻗﺎﻧﺴﻪن،
ﻣﻪﮬﻤﯘد ﺑﻮۋام ﻳﺎزﻏﺎن داﺳﺘﺎﻧﺴﻪن.
ﻗﯩﻠﺪى ﺋﺎﻳﺎز ﺳﯧﻨﻰ ﺗﻪۋەﻟﻠﯘت،
ﻗﻪدﯨﻤﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﻟﺪى ﺳﻮغ، ﺟﯘت.
ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪار ﺋﯚزۈڭ،
ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻘﺎ ﻗﯘت.

ﺋﺎﺧﺘﯘرﯨﻤﻪن ﺟﻪﯕﻨﺎﻣﯩﻠﻪرﻧﻰ،
ﺗﻮم-ﺗﻮم دﯨﯟان، ﺳﺎﻟﻨﺎﻣﯩﻠﻪرﻧﻰ،
ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻣﯘﺑﺎرەك ﻧﻮرۇز،
ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪۇ ﮔﯜزەل ﻗﯩﺰدەك ﺋﯘز.
ﺑﺎﺋﯩﺲ ﻧﯧﻤﻪ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪت،
ﺑﯩﺮ ﻧﻮرۇزﻏﺎ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪم ﭘﻪﻗﻪت.

ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺪۇ ﺟﺎﮬﺎن ﻧﻮرۇزدﯨﻦ،
ﺗﻮﻣﯘرلاردا ﭘﺎك ﻗﺎن ﻧﻮرۇزدﯨﻦ،
رەﺋﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻤﺎن ﻧﻮرۇزدﯨﻦ،
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎن ﻧﻮرۇزدﯨﻦ.
ﻣﻪﻧﺎ ﺗﺎﭘﺎر دﯨﯟان ﻧﻮرۇزدﯨﻦ،
ﭘﻪﻟﻠﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻧﯩﺸﺎن ﻧﻮرۇزدﯨﻦ،
ﭼﻪۋەﻧﺪازﻏﺎ ﻣﻪﻳﺪان ﻧﻮرۇزدﯨﻦ،
ﺷﺎﺋﯩﺮلارﻏﺎ داﺳﺘﺎن ﻧﻮرۇزدﯨﻦ.
دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻏﺎ ﺋﺎق ﻧﺎن ﻧﻮرۇزدﯨﻦ،
ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻘﺎ ﺑﻮﺳﺘﺎن ﻧﻮرۇزدﯨﻦ،
ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻗﺎ ﭼﯩﯔ ﺟﺎن ﻧﻮرۇزدﯨﻦ
ﺋﻪۋلادلارﻏﺎ ﻗﯘت، ﺷﺎن ﻧﻮرۇزدﯨﻦ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎر،
ﺋﻪدەپ-ﺋﻪﺧلاق، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ،
ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﻪ،
ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪﻛﺘﻪپ،
ﻳﺎﺷلار ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜك ﻣﻪﺷﺮەپ.
ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە ﻧﻮرۇزﻧﯩﯔ ﺳﯧﮭﺮى،
ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە ﻧﻮرۇزﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﺮى.
ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯚﺗﻜﻪن ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻮرۇزلار،
ﺷﯘﻧﺪاق ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺘﯘق ﺑﯩﺰلا.

ﮬﺎزﯨﺮ،
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺧﯘﺷﺎل، ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺶ زاﻣﺎن،
دەۋر ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪردى ﻛﻪڭ ﺋﯩﻤﻜﺎن.
ﻣﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ،
ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪن ﻧﯘرﻟﯘق ﺋﯩﺰﯨﻤﯩﺰ،
ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪر، ﺑﯩﻠﻤﻪس ﻧﻮرۇزﻧﻰ ،
ﮬﺎﻳﺎت ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯧﺘﯩﺘﻘﯘ، ﺗﯘزﻧﻰ.
ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪر رو ژدﯨﺴﺘﯩﯟوﻧﻰ،
«ﺋﺎﺷﯩﻖ-ﻣﻪﺷﯘﻗلار ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ»ﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ.
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﻛﯜن ﺋﯘلارﻏﺎ ﺑﺎﻳﺮام،
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻨﻰ ﻛﯜﺗﻪر ﺷﺎد-ﺧﯘرام.
ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﻣﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﯘس،
ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﻮرۇزﻏﯘ،
ﻧﻮرۇز ﮬﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻳﺮاﻣﺪﯨﻦ ﺋﯘزﻏﯘ؟!

ﻣﻪرﮬﺎﺑﺎ ﺋﻪي ﻧﻮرۇز دەپ ﺷﯘﯕﺎ،
ﭘﯩﭽﯩﺮلاﻳﻤﻪن ﺋﯚزۈﻣﮕﻪ ﺋﺎﯕﺎ:
داۋاﻧلاردﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﺑﺎﻳﺮام ﺑﯘ،
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻗﺎﻳﻨﺎم ﺑﯘ!
ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰدە لاﻳﯩﻖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ،
ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮاﻣﺪا ﻣﻪﻧﻪ؟
ﻧﻮرۇز، ﻧﻮرۇز... ﮬﻪر ﻳﺎﻗﺘﺎ ﺳﺎدا،
ﺳﺎۋاق ﺑﯧﺮەر ﺧﯘرﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎ:
ﺑﻮۋﯨلاردﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﻪۋەررۈك،
ﻣﯩﺮاس ﺋﻮﻏﻠﯘم، ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺘﯘن ﺋﯜزۈك.
ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﺮا ، ﭘﺎرﻗﯩﺮات،
ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺮاﻣﻨﯩﯔ ﻧﯘرﯨﻨﻰ ﺗﺎرات!

ﺋﺎﺗﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪن،
دﯦﮕﯜم ﻛﻪﻟﺪى ﺑﯩﺮ ﺳﯚزﻧﻰ:
ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺷﯘ ﺧﯩﺘﺎپ!
ﺋﻪي ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش، ﻧﻮرۇزۇﯕﻨﻰ ﺗﺎپ!!!

ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮلار


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر