باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىختىساسلىقلارنىڭ بېيجىڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۆلچىمى يىلدىن-يىلغا كىچىكلىتىلدۇ

2015.09.02 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى جاڭ زۇدې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىختىساسلىقلارنىڭ بېيجىڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۆلچىمى كىچىكلىتىلدى. ئادەتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى يىلدىن- يىلغا ئازايدى. مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى، ئىستۇدېنت كەنت كادىرى قاتارلىق مەخسۇس تۈر پىلانى ئارقىلىق بېيجىڭدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىختىساسلىقلارمۇ يىلغا ئازىيىۋاتىدۇ.

  جاڭ زۇدېنىڭ تونۇشتۇرشىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە شەھەر ئىقتىدارىنى تەڭشەش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى بەلگىلەش ۋە پايتەخت يادرولۇق ئىقتىدارىغا تەۋە ئەمەس ئىقتىدارنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق ستراتېگىيە يولغا قويۇلغانلىقتىن بېيجىڭ شەھىرى ئومۇمىي نوپۇسنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئادەتتىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ بېيجىڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانى يىلدىن يىلغا ئازىيىدۇ.

  جاڭ زۇدې يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرىكى يىللاردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى، ئىستۇدېنت كەنت كادىرلارنى قوبۇل قىلىش، پەن تەتقىقات ياردەمچىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق بېيجىڭدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2000 ئەتراپىدا بولۇپ، بېيجىڭدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي سانىنىڭ % 10نى ئىگىلىگەن. كېلەر يىلى بۇ سان تېخىمۇ ئازىيىدىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر