باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

2019-يىلىدا، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قايسى يېڭىلىقلار تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ؟

2019.01.02 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى بىلەن خوشلىشىپ، 2019-يىلىنى كۈتۈۋالدۇق. يىڭى بىر يىلدا، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسى يەنىمۇ نامايان قىلىنىدۇ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؛ بالىلىق بولۇش، يەسلىگە كىرىش، مەكتەپتە ئوقۇش، دورا ئىشلىتىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. 2019-يىلىدا، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قايسى يېڭىلىقلار تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ؟

  شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىشنى مەلۇم قىلىشقا بولىدۇ

  پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش، ئۈزلۈكسىز مائارىپ، ئېغىر كېسەلنى داۋالىتىش، تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئۆسۈمى، تۇرالغۇ ئىجارە ھەققى، ياشانغانلارنى بېقىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىش سىياسىتى 2019- يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. باج تاپشۇرغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ يوللىسا، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى پايدىسىدىن يەنىمۇ بەھرىمەن بولالايدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تولدۇرۇش شەكلى تۆت خىل بولۇپ، بىرىنچى، جايلاردىكى باج ئىدارىلىرى ئېلان قىلغان يوللار ئارقىلىق «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى» ناملىق يان تېلېفون APP دېتالىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇش؛ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى تور بېكىتىدە تولدۇرۇش؛ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر جەدۋىلىنى تولدۇرۇش؛ يازمىچە ئۇچۇر جەدۋىلىنى تولدۇرۇش قاتارلىقلار. ئېلېكتىرونلۇق ۋە يازمىچە ئۇچۇر جەدۋىلىنىڭ ھەممىسىنى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى باج ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرغۇچى ئورۇندا مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىشنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى تاللىغانلار، يازمىچە ياكى ئېلېكتىرونلۇق جەدۋەلنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرغۇچى ئورۇننىڭ مالىيە ياكى كادىرلار تارمىقىغا بىۋاسىتە تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، يەنە يان تېلېفون APP ياكى ئىنتېرنېت تور بېتىدە تولدۇرغاندىن كېيىن، ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرغۇچى ئورۇنغا يوللاپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى ياساپ چىققان شەخسىي تاپاۋەت بېجى APP يۇمشاق دېتالى يېقىندا ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس قوشۇمچە چىقىرىۋېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش ئىقتىدارى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31- كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  10 مىليون ئەتراپىدىكى نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ

  2019-يىلىدا، دۆلىتىمىز دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار، ئالاھىدە نامراتلار توپلار ۋە «ئىككىدىن ئەنسىرىمەسلىك ۋە ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى يەنە 10 مىليون ئەتراپىدىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  «ئاغرىتماي تۇغدۇرۇش» نىشانى ئەمدى يىراق ئەمەس

  2019-يىلىدا، تۇغۇتتا ئاغرىق توختىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  ئاغرىق كۆرسەتكۈچ ئىچىدە، كۆيۈك ئاغرىقىدىن قالسىلا، تۇغۇتتىكى ئاغرىق ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. تۇغۇت نۇرغۇن ئاياللارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن ھاردۇرىدۇ، ھەتتا نۇرغۇن تۇغۇتلۇق ئاياللار ئاغرىق سەۋەبىدىن تۇغۇشنى خالىمايدۇ. ۋاھالەنكى، تۇغۇتتىكى ئاغرىقنى يېنىكلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى بولغان تۇغۇتتا ئاغرىق توختىتىشنىڭ دۆلىتىمىزدىكى يولغا قويۇلۇش نىسبىتى %10كىمۇ يەتمەيدۇ.

  بارغانسېرى كۆپلىگەن ھامىلىدار- تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئاغرىقسىز تۇغۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» دەۋر تېمىسىدا بار بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. يېڭى سىياسەت تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللىتىشىگە ياردەم بېرىپ، يېڭى ھاياتلىقنىڭ كېلىشىنى شادلىققا تولدۇرىدۇ.

  مەھەللە يانداشما بالىلار باغچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئىشلىتىلىشى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

  نۇرغۇن ئاھالە مەھەللىلەرگە كۆچۈپ كىرگىلى كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، ۋەدە قىلىنغان يۈرۈشلۈك بالىلار باغچىلىرىنىڭ سايىسىمۇ يوق بولۇپ كەلگەن ئىدى. «مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەننىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: 2019- يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر مەھەللىلەردىكى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. يۈرۈشلۈك بالىلار باغچىلىرىنى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئاچقان بالىلار باغچىسى ياكى ھاۋالە قىلغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خەلق باشقۇرۇشىدىكى باغچا قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ، پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى بالىلار باغچىسى قىلىپ قۇرۇشقا بولمايدۇ. يۈرۈشلۈك بالىلار باغچىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى كېچىكتۈرۈلۈش، قۇرۇلۇش توختاپ قېلىش، قۇرۇلۇش قىلىنماسلىق ۋە قۇرۇلغاندىن كېيىن تاپشۇرۇلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولسا، تەرتىپكە سېلىپ تۈزەش كېرەك، تاماملىنىشتىن بۇرۇن پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى بىجىرىشكە بولمايدۇ.

  «مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈزگەن دەرسلىك»لەر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بارلىق يىللىقنى قاپلايدۇ

  2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشلانما يىللىقلىرىدىكى ئەدەبىيات، تارىخ، ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش قاتارلىق ئۈچ پەنگە مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش تۈزگەن دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىش باشلاندى. 2019-يىلىغىچە، «مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈزگەن دەرسلىكلەر» مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بارلىق يىللىقلارنى قاپلايدۇ.

  كۆپ خىل راكقا قارشى دورىلار ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ دورا خام ئەشيالىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ

  2019-يىلى ئىمپورت-ئېكسپورت ۋاقىتلىق باج نىسبىتى قاتارلىق تەڭشەش لايىھەسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز 706 تۈردىكى تاۋارغا قارىتا ئىمپورت ۋاقىتلىق باج نىسبىتىنى يولغا قويىدۇ، 94 تۈرلۈك ئېنېرگىيە- بايلىق كەسىپلىرىدىكى تاۋارلارغا قارىتا ئېكسپورت تاموژنا بېجى ئېلىشنى توختىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ خىل راكقا قارشى دورا خام ئەشيالىرى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك دورا خام ئەشيالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دورا خام ئەشيالىرىغا قارىتا، 2019-يىلى ۋاقىتلىق باج نىسبىتى بىردەك نۆل بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر