باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2018- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىنى پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2018.12.29 14:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز فەن خۇڭيى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 12- ئاينىڭ 27- كۈنى 2018- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىنى پۈتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جى جېڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى قاتتىق سىياسىي تۇرمۇشتا كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئايلاندۇرۇشتا نەتىجە- ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئىچىگە قارىتىدىغان جاسارەت، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان چىدامچانلىق بىلەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. تۆتىنچى، ئۆز- ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارى، رەھبەرلىك ئىقتىدارى، كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىش، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىگە ماسلىشىش ئارقىلىق، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا ماسلىشىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر