باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

 ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزدى

2018.12.29 14:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چيۇلىن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى، يولداش جاۋ لېجىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى كونكرېت تەلىپى ۋە يولداش ياڭ شياۋدۇنىڭ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكلىپلىك رېۋىزور تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، 12- ئاينىڭ 22- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۈستەل ئۈستىدىكى كىتاب قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا ساقلانمىنى كېمەيتىپ، ئېشىشنى قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چەكلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملىشى، راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قوغداشنى تۇتۇشى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تۇتۇشى؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننىڭ باغلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇقنى ھەقىقىي تۈردە قاتتىق نازارەت ئاستىغا قويۇشى؛ قائىدە، ئىنتىزام، قانۇنغا ئاساسەن نازارەتچىلىك بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كونكرېت تەلىپىنىڭ ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ تەكلىپلىك رېۋىزور تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر