باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دالىلارغا يېقىنلاشقانسېرى سېغىز تۇپراقنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇلىدۇ

 ــــ تارىم داشۆسىنىڭ «توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلىش» خاتىرىسى (2)

2018.12.29 14:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئارال شەھىرىنىڭ يىنشياڭ لەنبوۋەن ئېكولوگىيەلىك ساياھەت باغچىسىدا، چى خۇالىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بىزنىڭ بۇ باغچىدىكى 16 ئەزانىڭ ئونى تارىم داشۆسىنى پۈتكۈزگەن، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى. بۇ يەردە تۈەن - چاڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ياردەم بېرەلىگەنلىكىمىزدىن ئۆزىمىزنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمىز» دېدى.

  سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 0 دىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇس بولسىمۇ، ئۆينىڭ ئىچىدە خۇديېلەن گۈلى ھۈپپىدە ئېچىلغان بولۇپ، تيېپىشىخۇ ياپيېشىل كۆكىرىپ تۇراتتى، ھەر خىل مېۋىلەر كىشىگە خۇددى دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خۇديېلەن گۈلى يىغىش - تارقىتىش ئورنى، ھەم نامى بار ئېكولوگىيەلىك ساياھەت بازىسى بولۇپ قالدى. تارىم داشۆسىدىكىلەر تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئىلگىرىكى ئاپئاق شورلۇقنى «چىمەنتاغ»قا ئايلاندۇردى.

  60 يىلدىن بۇيان، باياۋاندا «ئۆسۈپ يېتىلگەن» بۇ داشۆ باشتىن- ئاخىر سېغىز تۇپراق بىلەن يېقىنلىشىش روھىي سالاپىتىنى ساقلاپ، «تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ئىشلەيدىغان، ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان» ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشنى ئەقىل - پاراسەت ۋە ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  تارىم داشۆسىنى پۈتكۈزگەن تۈركۈم - تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەر، تۈەن - چاڭ ليەندۈيلىرىگە تارقالدى

  12- ئاينىڭ 13- كۈنى، چۈشتىن كېيىنكى قۇياش نۇرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكنى ئىللىتتى، سانجاق چۈشكەن شوخلا ئېتىزىدا، ئۆسۈملۈك ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۈەن جېڭيىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى.

  شۈەن جېڭيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىر پارچە يەر ئوقۇغۇچىلارغا تەۋە. ئۇرۇق تاللاشتىن تارتىپ تېرىشقىچە، ئوغۇت بېرىشتىن تارتىپ پەرۋىش قىلىشقىچە، ھوسۇل ئېلىشتىن تارتىپ سېتىشقىچە، ھەممىسىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تاماملايدۇ، ئوقۇتقۇچىلار پەقەت يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  پارنىكتا كۆكتات تېرىيالايدىغان بولۇش، يەر ئاغدۇرۇشقا ماھىر بولۇش، چاتاش تېخنىكىسى پىششىق بولۇش ــــ بۇ باغۋەنچىلىك كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلغان ئاساسىي تەلەپ.

  تىرىشچانلىق بىلەن قول سېلىپ ئىشلەش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى بىلىش تەلىپى مەكتەپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلدى. تارىم داشۆسىنىڭ مەكتەپ تارىخى مۇزېيىدا، پەخرىي مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جېننىڭ تەستىقىي يوليورۇقى مۇنداق ئېنىق يېزىلغانىدى ــــ تارىم داشۆسىگە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلار مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن مەكتەپ پۈتكۈزۈشى، يەنى سىياسىي - ئىدىيەۋى جەھەتتىن پۈتكۈزۈشى، ئەمگەك جەھەتتىن پۈتكۈزۈشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى جەھەتتىن پۈتكۈزۈشى شەرت، ئۇنداق بولمىسا، لاياقەتلىك ھېسابلانمايدۇ.

  بەزىلەر تارىم داشۆسىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن كۈچلۈك توپا پۇرايدۇ، دەيدىكەن، ھەقىقەتەن شۇنداق، تارىم داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە ئەمەلىيەت جەريانىدا تاۋلىنىپ، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار بىڭتۈەنگە، جەنۇبىي شىنجاڭغا، ئاساسىي قاتلامغا، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ- تۇپرىقىغا ئەڭ ماسلىشالايدىغان، چېگرا رايوندا ئەڭ يىلتىز تارتالايدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ قالىدۇ.

  تارىم داشۆسىنىڭ دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئالىمجان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى تاشباغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇنىڭ يان تېلېفونىدا 182 كىشىلىك ئۈندىدار توپى بار، ئۈندىداردىكى دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئالىمجان كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىگەن، سەپەرۋەرلىك قىلغان كەنت ئاھالىلىرى.

  كەنتتە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئالىمجان ئۆيمۇئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلىدى. ئالىمجان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلىسە ھەر ئايدا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 1500 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ، كۆپ بولغاندا 5000 يۈەن تاپالايدۇ، 35 نامرات ئائىلە بۇ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  بىڭتۈەن 12- شىسىنىڭ سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 6- ليەنىدىكى 27 ياشلىق پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى لى ۋېنتاۋ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، سۈت، شوخلىنى گۇاڭدۇڭغا ساتتى؛ 1- شىنىڭ 10- تۈەنى 18- ليەنىدىكى پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى جاڭ خۇا ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلدۇردى...

  60 يىلدا، تارىم داشۆسىنى پۈتكۈزگەن 60 مىڭدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ %85 ى شىنجاڭدا قېلىپ، %68.5 ى جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى. ئوقۇش پۈتكۈزگەن تۈركۈم - تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار خۇددى يۇلتۇزلاردەك جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنت، تۈەن- چاڭ ليەندۈيلىرىگە تارقالدى. ئۇلار ياشلىق غايىسىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ كەڭ دالىلىرى، كىشىلىك تۇرمۇش سەھنىلىرىدە نۇرلاندۇردى، چاقناتتى.

  دىققەت ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، زور بىر تۈركۈم ئەسقاتىدىغان پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى

  تارىم داشۆسىنىڭ ھاياتلىق ئىلمى شۆيۈەنىدىكى پىروفېسسور لى شۇۋېينىڭ خىزمەت ئۈستىلىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بويىچە ھوقۇق بېرىلگەن نۇقتىلارنىڭ كۆرسەتمە خەرىتىسى قويۇلغان. جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىلا بىر «يۇلتۇز» چاقناپ تۇرىدۇ.

  بۇ يىل 5- ئايدا، تارىم داشۆسىنىڭ ھاياتلىق ئىلمى شۆيۈەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىدىغان ئورۇن ۋە بىيولوگىيە بىرىنچى دەرىجىلىك پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسى بولۇپ تەستىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن تارىم داشۆسىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش ئورنى، ھوقۇق بېرىلگەن نۇقتىسى بولماسلىقىدا بۆسۈش بولدى.

  «بىز تۇرغان بۇ يەر كۆپ يىللار ئىلگىرى كېۋەزلىك ئىدى.» لى شۇۋېي مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كېۋەزلىكتە دوكتور نۇقتىسى «ئۆسۈپ چىقتى».

  تارىم داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاۋ گۇاڭخۈي مۇنداق قارىدى: مەكتەپنىڭ «تارىمنى تۇتقا قىلىش، رايون خاراكتېرلىك ئەۋزەللىك بەرپا قىلىش، ئۇنىۋېرسال داشۆ قۇرۇش»تەك مەكتەپ باشقۇرۇش تەپەككۇر يولى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. «چىڭخۇا داشۆسى، بېيجىڭ داشۆسى قىلغاننى بىز قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سالساق، ئايىغىمىز ئاستىدا يىلتىزىمىز بار. تارىم داشۆسىنىڭ يىلتىزى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى كېرەك».

  تارىم داشۆسى باشتىن- ئاخىر دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «تارىم بويىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى توغرىسىدا تەتقىقات»نى خاسلىق قىلىپ، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس جانلىقلار بايلىقى ۋە يېڭى تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈش»، «تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش»، «غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى» قاتارلىق رايون خاسلىقىغا ئىگە ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم «ئەمەلىي» ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ، شىنجاڭنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى يەڭدى.

  جەنۇبىي شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، قوش تىلنى بىلىدىغان ئاساسىي قاتلام كادىر ئىختىساسلىقلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق. بۇلتۇردىن باشلاپ، تارىم داشۆسى «قوش تىل، قوش يۆنىلىش» ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويدى، ئۆزئارا قوش تىل ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندى.

  «يېزا ئىگىلىكى»نى چىقىش قىلىپ، بۈك - باراقسانلىشىش. تارىم داشۆسى بىڭتۈەننىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، پەن- كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى جىددىي ئېھتىياجلىق توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى، خىمىيە سانائىتى، يەسلى مائارىپى، تىبابەتچىلىك، سۇچىلىق- سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەسىپلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى. «كېۋەز تەجرىبە سىنىپى» «يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى تەجرىبە سىنىپى» قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، «كەسىپتە كۈچلۈك، قوش تىلنى بىلىدىغان، ئىقتىسادنى چۈشىنىدىغان، باشقۇرۇشنى بىلىدىغان» ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يىتىشتۈرمەكتە.

  كالا - قويلارنىڭ خۇيىنى پىششىق بىلىش، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تىنىقىنى ئاڭلاش، كېۋەزنىڭ ئۆسۈش سىرىنى چۈشىنىش

  بىڭتۈەن 1- شىسىنىڭ 12- تۈەنى 11- ليەنىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى جاڭ خۇڭلياڭنىڭ ئائىلىسىدە جاڭ رۇي بىلەن گاۋ شەن ئەر- خوتۇندىن ئىبارەت ئىككى «بايلىق ئىلاھى»نىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. جاڭ خۇڭلياڭ ئائىلىسىنىڭ ياڭىقىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئالدىنقى يىلدىكى 150 كىلوگىرامدىن بۇ يىل بىر قاتلاندى، ھېسابلىغاندا، 50 نەچچە مو يەردىن بىر يىلدا نەچچە ئونمىڭ يۈەن پۇلنى ئارتۇق تاپالايدىكەن.

  «جاڭ پىروفېسسور ئەر- خوتۇن بولغاچقا، مەن تىككەن ياڭاق كۆچەتلىرىمنى خۇددى بالىنى يەسلىگە بەرگەندەك بولدۇم، چۈنكى ئىككى <بالا تەربىيەچىسى> ئۇلارنى پەرۋىش قىلىۋاتىدۇ» دېدى جاڭ خۇڭلياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  جاڭ رۇي بىلەن گاۋ شەن تارىم داشۆسىنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورلىرى، ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن «خوپ ماسلاشقان ئەر- خوتۇن» پەن- تېخنىكا خادىملىرى. ئالتە يىلدىن بۇيان، ئۇلار بىڭتۈەن 3- شىسىنىڭ 51- تۈەنى، قاراقاش ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. دەسلەپتە مېۋە دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىنى كېسىۋەتكەندە يۇرتداشلار كەتمەنلىرىنى كۆتۈرگىنىچە ئۇلارنى قوغلاپ ئۇرۇپ كەتكەنىدى، ھازىر ئۇلار دېھقانلار ئەڭ قارشى ئالىدىغان باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىگە ئايلاندى.

  ئەگەر، پەن تەتقىقاتتا ئۈزلۈكسىز نەتىجە يارىتىش، بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشنى تارىم داشۆسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىغا قاراپ ئۆسۈش جەريانى دېسەك، ئۇنداقتا پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى كوللېكتىپى تەسىس قىلىپ، مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مائارىپقا ياردەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش تارىم داشۆسىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىش جەريانىدۇر.

  مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، تارىم داشۆسى نۇرغۇن پەن - تېخنىكا ئۈلگە بازىسى قۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 27 تۈەن- چاڭ، 12 ناھىيە، شەھەردە ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، 20 نەچچە پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتى مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى پەن- تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ۋە تېخنىكا كېڭەيتىشنى كەڭ قانات يايدۇردى.

  بەزىلەر تارىم داشۆسىدىكىلەرنى «سەھرالىق»لار دېيىشىدۇ، ئەمما تارىم داشۆسىدىكىلەر ئاساسىي قاتلام قوي، كالىلارنىڭ خۇيىنى بىلىدىغان، مېۋە دەرەخلىرىنىڭ تىنىقىنى ئاڭلىيالايدىغان، كېۋەزنىڭ ئۆسۈش سىرىنى چۈشىنەلەيدىغان ئادەملەرگە موھتاج، دەيدۇ. بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقى ئىلمىي ماقالە يازىدىغان ئەڭ ياخشى قەغەزدۇر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر