باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېشىللىق تورى بەرپا قىلىپ، گۈزەل سەھىپە پۈتۈش

  ــــ شىنجاڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا خاتىرە

2018.12.29 14:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ، جۇڭگونىڭ يەر مەيدانىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بىپايان تۇپراق. يەنە ئۈچ- تۆت ئايدىن كېيىن، يىراق تاغ، تەبىئىي ئورمانلاردىكى قارلار تېخى ئېرىمەستىلا، يۇلتۇزدەك ھەممە يەرگە تارالغان كەنتلەر، شەھەرلەر، بېسىق قاتناش غول لىنىيەلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان يېشىل دولقۇن بۇ بىپايان زېمىننى قاپلايدۇ.

  40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدا 66 مىليون مودىن ئارتۇق ئورمان بەرپا قىلىندى. نەچچە ئەۋلاد كىشى يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنى قوغدايدىغان يېشىللىق تورىنى بەرپا قىلدى؛ ئەبەدىي نۇر چاچقۇدەك گۈزەل سەھىپە پۈتۈپ چىقتى.

  قاتمۇ قات ئورمانلار گىرەلىشىپ ئېتىزلارنى قوغدىدى

  قىشتىكى خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېزا- كەنتلىرى تىنچ، خاتىرجەملىككە تولغان بولۇپ، رەت- رەت ئېگىز تېرەكلەر خۇددى ئەسكەرلەردەك ھەر بىر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىك تۇراتتى.

  12- ئاينىڭ 25- كۈنى، خوتەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى پېڭ گاڭيى ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: قاراڭ، بۇ ئورمان بەلبېغى نېمىدېگەن گۈزەل!

  ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى، مۇخبىرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس. يازدا، ھەر قېتىم ئايروپىلان قونۇشتىن ئىلگىرى، مۇخبىرنىڭ نەزەرىدە تەكلىماكاننىڭ بىپايان قۇملۇقى نامايان بولاتتى. ھالبۇكى ئايروپىلان قونۇشى بىلەن مۇخبىر ھەممە يەرنىڭ يېشىللىققا تولغانلىقىنى كۆرەتتى.

  40 يىلدىن بۇيان، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا، ئېتىز- ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى، چوڭ تىپتىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاساسىي ئورمان بەلبېغى ۋە تەبىئىي چۆل ئورمىنىنى ئاساس، «سۇغا قاراپ ئورمان بېكىتىش»نى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، شىنجاڭ سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىش ۋە تەبىئىي چۆل ئورمىنىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، بوستانلىق كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتتى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا سۈنئىي بەرپا قىلىنغان بوستانلىق كۆلىمى 62 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن بەش ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.

  خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى توخۇلا كەنتىدىكى ئابدۇللا مەمەت 67 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز قولى بىلەن تىككەنىدى. بۇ يەر ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ 1- قارارلىق تۈرى يولغا قويۇلغان جايلارنىڭ بىرى. ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا بۇ يەرنىڭ ھەممىسى شورلۇق ئىدى، بىز ئالدى بىلەن تېرەك كۆچىتى تىكتۇق، كېيىن يەنە مۇۋاپىق يەرگە ياڭاق كۆچىتى تىكىپ، ئىھاتە ئورمىنى قىلدۇق، كۆچەت تىكىش جەريانىدا نۇرغۇن جاپا تارتتۇق.

  «قۇم- بوران ۋە قۇرغاق ئىسسىق شامال ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىككى چوڭ تەبىئىي ئاپەت». ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى ئورمان بەرپا قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: ئېتىز ئورمان تورى بەرپا قىلىش شامالنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى ئاجىزلىتىپ، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ، يەر يۈزىگە يېقىن ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسى ۋە يەر يۈزى تۇپراقنىڭ نەملىكىنى تەڭشەپ، بۇ ئىككى چوڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان تەسىرىنى ئۈنۈملۈك ئاجىزلاشتۇردى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 1977- يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى تەخمىنەن 94.4 كىلوگىرام بولۇپ، 2017- يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 421.6 كىلوگىرامغا يەتكەن. ياڭ جيەنمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئېتىز- ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا قوشقان ئوتتۇرىچە تۆھپىسى تەخمىنەن %12 بولۇپ، تەبىئىي ئاپەت ئېغىر رايونلاردا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ھەتتا %20تىن ئېشىپ كەتتى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە 70 مىليون مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنىڭ %95ىنى ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدىكى ئورمان تورى قوغداپ تۇرىدۇ.

  ھەيۋەتلىك يېشىل دېڭىز قۇترىغان قۇمنى تىزگىنلىدى

  مۇقەرەپ ئەخەت مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى يۇقىرى خادىلىق كەنتىدىكى داڭلىق دېھقان رەسسام. «ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، رەسىملىرىم باشقا رەسساملارنىڭ رەسىمىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيتتى، گەرچە كۆپ قېتىم بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ئىنتىلگەن بولساممۇ، بۆسۈش ئېغىزىنى تاپالمىغانىدىم. ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ ۋە ئۆزۈم كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ نېمىنى سىزىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم». مۇقەرەپ قەلىمى ئارقىلىق ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە بولۇپ، يېشىللىق ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنى تىزگىنلىگەنلىكىدەك دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇلۇغ ئىشنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ھەر بىر شەخس، ھەر بىر ھەرىكەت ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

  مۇقەرەپنىڭ سەنئەت ئىجادىيەت ئىلھامىنى تېپىشىدىكى مۇھىم ئامىل مەكىت ناھىيەسى 2012- يىلىدىن باشلاپ قانات يايدۇرغان مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى بازىسى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت. قۇم بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ ناھىيەنىڭ ئۈچ تەرىپىنى قۇم ئوراپ تۇرىدۇ، قۇم كۆلىمى پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدۇ. ھالبۇكى، ياز كۈنلىرى بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، مەكىت ناھىيەسى خۇددى بوستانلىقتىن كۈچلۈك ئېتىلىپ چىققان غايەت زور يا ئوقىغا ئوخشاش، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن بىر يوچۇق ئېچىپ، ئۇزۇن قۇيرۇقىنى سۆرەپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە بۆسۈپ كىرگەندەك كۆرۈنىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭدىكى قۇملۇق ۋە چۆللەشكەن رايوندا بۇنداق «يېشىل يا ئوقى» ناھايىتى كۆپ.

  دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەكلىماكان قۇملۇقى ئۆتكەن نەچچە مىڭ يىلدا كۆپلىگەن ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى يۇتۇپ كەتتى. ھالبۇكى، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 40 يىلدا، شىنجاڭدا يېزىدىن يۇقىرى بىرمۇ مەمۇرىي رايون قۇم- بوران سەۋەبىدىن تاشلىۋېتىلمىدى. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ ياردىمىدە، كىشىلەر يېزا- كەنتلەرنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قۇملۇققا قاراپ ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلدى.

  ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى 40 يىل داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %1.03تىن %4.87كە ئۆسۈپ، 3.84 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

  ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىدە قوش مول ھوسۇل ئېلىندى

  رەسساملارنىڭ نەزەرىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالى تۈزلەڭلىك رايونىدىكى بىپايان ئورمانلىق ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئورمانچىلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ نەزەرىدە، بۇ بىپايان ئورمانلىق كەڭ زېمىندا يىلتىز تارتقاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى، بىر ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات سۇپىسىدا يىلتىز تارتتى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى مەركىزىي ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى جاڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ھۆل- يېغىن ئاز، مۇتلەق كۆپ ساندىكى جاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىز بىر تۈپ كۆچەت تىكسىڭىز ھەم ئۇنى ئەي قىلماقچى بولسىڭىز، سىز ۋە ئەۋلادلىرىڭىزنىڭ ئۆمۈر بويى پەرۋىش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  دەرەخنىڭ ئەي بولۇشى ئۈچ ئۈلۈش تىكىش، يەتتە ئۈلۈش پەرۋىش قىلىشقا باغلىق. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇنداق كۆچەت تىكىش، پەرۋىش قىلىش تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان رايوندا، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى ئىنتايىن رېئال مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

  كىشىلەر قىيىنچىلىقنى كۆرسىمۇ چېكىنمىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتىن كەنت «ئىككى كومىتېتى»غىچە، ئالتاي تېغىدىن پامىر ئېگىزلىكىگىچە، ھەممە كىشى ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ئالدىدا، ئورمان بەلبېغىنى قانداق قىلغاندا ساغلام، مەڭگۈ راۋاجلاندۇرۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلاندى.

  باغ- ئورمانچىلىق تەبىئىيلا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى ھەم بارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ رول ئوينىشى بىلەن تەرەققىي قىلىپ زورايدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ خۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي ئورمان ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى، دەل بۇ بىر قىسىم ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئۈنۈملۈك بىرلىشىشىنى ناھايىتى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى.

  1986- يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتى شەھەرنىڭ يۇقىرى شامال ئېغىزىدىكى كۆكياردا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. بۈگۈنگە كەلگەندە، كۆكياردىلا مىليون مولۇق بىپايان ئورمان بەرپا قىلىندى. كۆكيار يازدا چەكسىز يېشىللىققا پۈركىنىدۇ، كۈز كىرىشى بىلەن، مەي باغلاپ پىشقان ئۈزۈم، قىپقىزىل چىلان، شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغان ئالمىلار كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ، باغۋەنلەرنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىلا ئەمەس، ھازىر ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتىلىپ، خاس باغۋەنچىلىك مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان دېھقانلارغا بېيىش يولى ئېچىپ بەردى.

  تارىخ ھەممىنى ئېنىق خاتىرىلىمەكتە. 1998- يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە باغ- ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى ئاران 3 مىليون 60 مىڭ مو ئىدى، ھازىر 22 مىليون موغا كۆپىيىپ ۋە مۇقىملىشىپ، 20 يىلدا يەتتە ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشتى. بۇ غايەت زور ھەجىم شىنجاڭغا مۆلچەرلىگۈسىز ئېكولوگىيەلىك بايلىق قوشۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. نۇرغۇن نامرات رايونلاردا، باغ- ئورمانچىلىق كىرىمى ھەتتا شۇ جايدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ %50 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، 40 يىل جۇغلىنىش ئارقىلىق ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر