باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

CBA نىڭ «يېڭى يىللىق چوڭ مۇسابىقىسى»دە شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 126 گە قارشى 130 نومۇر بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى

2019.01.02 16:15   مەنبە: خەلق تورى

CBA نىڭ «يېڭى يىللىق چوڭ مۇسابىقىسى»دە شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 126 گە قارشى 130 نومۇر بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، CBAنىڭ «يېڭى يىللىق مۇسابىقىسى» باشلاندى، بۇ مۇسابىقە پەسىلىدىكى 3-قېتىملىق شىنجاڭ-گۇاڭدۇڭ كوماندىسى رىقابىتى ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ 27-ئايلانمىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رىقابەت دەپ قارالدى، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 126 گە قارشى 130 نومۇر بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى.

  گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلار ھەم بۇ ئىككىلا كوماندا CBAنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باققان، بۇ ئىككى كوماندا ھەم CBA تارىخىدىكى «كونا رەقىبلەر». 2009-2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا ئۈچ يىل ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن ھەم بۇ ئۈچ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ كونا رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ھەر ئىككى كوماندىنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى قىزىق نۇقتا مۇسابىقىسىگە ئايلانغان.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا قارشى تەرەپ مەيدانىدا خۇددى ئۆزىنىڭ مەيدانىدەك ئوينىدى. تۇنجى چارەك مەيداندىلا ئۈچ نومۇرلۇق توپ تاشلاپ، نومۇر ئېلىش نىسبىتى %50تىن ئاشتى، گارغا توپ تاشلاپ نومۇر ئېلىش نىسبىتى %72.2 كە يەتتى. گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىشى ۋە ئوتتۇرا ئارىلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك گارغا توپ تاشلاپ نومۇر ئېلىشى تېز ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، تۇنجى چارەك مەيداندىلا 28 گە قارشى 40 نومۇر بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى 12 نومۇر ئارقىدا قالدۇردى. ئىككىنچى چارەك مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى توپ ئالغۇچى ماھىرلارغا ۋە ئالدى-ئارقا مەيداندىكى گاردىن قايتقان توپقا بولغان مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، ئارقىمۇ ئارقىدىن نومۇر ئالدى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دېگەندە، شىنجاڭ كوماندىسى نومۇر پەرقىنى 1 نومۇرغا چۈشۈرۈپ، 65:66 نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە ئارقىدا تۇردى.

  كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمى پەسەيمىدى، ئادامس يۈ چاڭدۇڭغا پاس بەردى، يۈ چاڭدۇڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ تاشلاپ، نومۇر ئالدى. شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچىنچى چارەك مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا نومۇرنى ئاشۇردى. 3-چارەك مەيداندىلا ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن ئالتىنى چۈشۈرۈپ، بەش قېتىم تېز قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ نومۇر ئالغان شىنجاڭ كوماندىسى ئومۇمىي نومۇردا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى 14 نومۇر ئارقىدا قالدۇردى. ئاخىرقى چارەك مەيداندا، يى جيەنليەن ئىچكى لىنىيەدە 1+2 نومۇر ئالدى، ئارقىدىن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى كۈچەپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، نومۇر پەرقىنى ئۈچ نومۇرغا چۈشۈردى. ھالقىلىق پەيتتە، شىنجاڭ كوماندىسى تاكتىكىسىنى تەڭشەپ، توپ باشلىغاندا پۈتۈن ماھىرلار ئۆزىنىڭ يېرىم مەيدانىغا كېلىپ توپ ئېلىپ، توپنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئوتتۇرا مەيداندىن ئۆتۈش نىسبىتىنى ئاشۇردى، زېڭ لىڭشۈ مۇقىم بولغان نومۇر ئېلىش ئىپادىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىنى مۇقىملاشتۇردى.

  مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئادىلجان مۇنداق دېدى: بۈگۈن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى گەۋدىلىك بولدى، ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگىرىپتۇ، مۇداپىئە بىلەن ھۇجۇمنى ئالماشتۇرۇشتا بىزگە كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شىنجاڭ كوماندىسى تېخى ئەمدى تۆت مەيدان مېھمان مەيدان مۇسابىقىسىنى تۈگىتىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپلىگەن ماھىرلىرىمىزدا يارىلىنىش كۆرۈلدى، بىراق كۆپچىلىك مۇسابىقىدە چىداشلىق بەردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، بىز مۇداپىئەنى ئاساس قىلدۇق، ماھىرلار يۈرەكلىك ھالدا رىقابەتلەشتى، بىز ئۆزىمىزنىڭ روھىي ئالاھىدىلىكىمىزنى نامايان قىلدۇق، بىز رەقىبىمىزنىڭ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلەتتۇق. بىراق بىزنىڭ نومۇردا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەندىن كېيىنكى مەيداننى كونترول قىلىشىمىز ياخشى بولمىدى، كېيىن بىز بۇنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى