باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 4- قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ نەق مەيداندا تىزىملىتىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

2019.01.02 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 0دە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 4- قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ نەق مەيداندا تىزىملىتىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.

  «مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. دۆلىتىمىز 2004- يىلى، 2008- يىلى ۋە 2013- يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى 3- قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىقتىسادنى 4- قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقت نۇقتىسى بولسا، 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە 2018- يىللىق ماتېرىيال ئاساس قىلىنىدىكەن.

  ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2017- يىلى بولسا، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىقتىسادنى 4- قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ لايىھەسىنى پىلانلاش باسقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە مەخسۇس تۈر نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىنغان؛ 2018 ـ يىلى بولسا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ رەسمىي تەييارلىق باسقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، تەشۋىق قىلىپ سەپەرۋەر قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خادىملارنى تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەش قاتارلىقلارنى تاماملاش قارار قىلىنغان؛ 2019- يىلى بولسا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تىزىملاش، سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش باسقۇچى؛ 2020- يىلى بولسا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئىقتىسادنى 4- قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنداق تەكىتلىدى: نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرۇش بولسا، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ھالقا، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلار نەق مەيداندا تىزىملاش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تەشكىللىشى كېرەك. ئىقتىسادنى ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىشخانىسى نەق مەيداندا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دىجورنىلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى جايلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىشى كېرەك؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدىكى تىزىملىتىش سانلىق مەلۇماتلىرى سۈپىتىنىڭ ھەقىقىي توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر