باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئەسى ۋە مۇھاپىزەت قىسىملىرى كوللېكتىپ فورم ئالماشتۇرۇش ۋە ساقچىلىققا كىرىشكە قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2019.01.02 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئەسى ۋە مۇھاپىزەت قىسىملىرىدىكى ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېر ئەسكەرلەر 1- يانۋار كوللېكتىپ فورم ئالماشتۇرۇش ۋە ساقچىلىققا كىرىشكە قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ فورمىسىنى رەسمىي ئالماشتۇرۇپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ يېڭىچە قىياپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى داۋاملىق زىممىسىگە ئالدى. بۇ، ج خ ئورگىنى ئوت مۇداپىئە قىسىملىرىنى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ج خ قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنىڭ ھەممىسىدە تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  2018- يىلى 3- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ج خ قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنىڭ ئەمدى قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى، ھەممىسىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن، ج خ قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنىڭ ئىسلاھاتى رەسمىي باشلاندى. ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئىجرا قىلدى، نەتىجىدە، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك ۋە بىخەتەر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر