باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

خەلق تورى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقلىرى قانىلىنىڭ يېڭى يىللىق ئالاھىدە خەۋىرى

"2000- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان" ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى 2019غا نەزەر

2018.12.29 17:02   مەنبە: خەلق تورى

  



  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋاقىت تېزئۆتمەكتە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە،مانا ئەمدى 2019- يىلنىمۇ كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. خەلق تورىنىڭ موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە چاۋشيەن مىللىتىدىن ئىبارەت بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى تور بېكەتلىرى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، بېيجىڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «بىز ۋەتەننىڭ غۇنچىلىرى» ناملىق يېڭى يىللىق بېغىشلىما يېزىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، ھەمدە پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار سوئاللارغا ئەركىن-ئازادە جاۋاب بېرىش شەكلى ئارقىلىق، 2018- يىلىنى ئەسلەپ، 2019- يىلىغا نەزەر سىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. سىندا كۆرسىتىلگەن ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق مىللىچە كىيىملىرىنى كىيىشىپ، يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ناخشىلىرىنى ئېيتىشتى. بۇنىڭ بىلەن، يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گۈزەل ۋە ياشلىق قىياپىتى نامايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ نامايان قىلىندى. "بىز ۋەتەننىڭ غۇنچىلىرى، قۇياش نۇرى ئاستىدا قانغۇچە ناخشا ئېيتايلى." دەپ ئېيتىشتى. بىزمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مانا شۇنداق تولۇپ تاشقان ئېنېرگىيە بىلەن 2019- يىلىنى قارشى ئالايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…
    ·2019- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىندى 
    ·«مائارىپتىكى مۇددەتكە بۆلۈش» قەرز پۇلى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قائىدىسى بولۇپ قالماقتا
    ·2019-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر سانىنىڭ 8 مىليون 340 مىڭغا يېتىش…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلىلەر ھەمدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئومۇم مەنپەئەتلىنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىر…
    ·شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ 2019- يىللىق ياردەم پۇلى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلدى