باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇربان نىياز __ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى

2019.01.02 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: قۇربان نىياز ئوقۇغۇچىلارغا ئېرخۇ (غېجەك) چېلىشنى ئۆگەتمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى — قۇربان نىياز». بۇ باھا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ياڭرىغاندا، قۇربان نىياز كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، ھەرخىل خىياللارغا چۆمدى. ئۇ: «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى، ۋەتەن چېگرا رايونلىرىنىڭ مائارىپىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرمۇ بولمىغان بولاتتى»، دېدى.

  قۇربان نىياز شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى. ئۇ 16 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىپ، مائارىپ ئارقىلىق بالىلارغا زامانىۋى مەدەنىيەتكە تۇتىشىدىغان كۆۋرۈك ياساپ بەردى.

  دادىسى ئۇنى قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش ئادەم بولسۇن، دېگەن ئۈمىدتە، ئۇنىڭغا «قۇربان» دەپ ئىسىم قويغان ئىدى. قۇربان نىياز: «رەئىس ماۋ زېدۇڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن كۆرۈشكەن، چۈنكى قۇربان تۇلۇم پارتىيەنى، دۆلەتنى سۆيگەن، تۆھپە قوشۇشقا رازى ئادەم ئىدى، مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ‹قۇربان تۇلۇم› بولىمەن»، دېدى.

  قۇربان نىياز ئىماملىرىم بازىرىدىن چىققان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. تىل توسالغۇسى يوق بولغاچقا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئارىلاپ چىقتى. بىراق يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆرگىنى بولسا يۇرتداشلارنىڭ نامرات قىياپىتى ۋە قالاق ئىدىيەسى ئىدى.

  بىر قېتىم، بىر موماي كېسەل بولۇپ قالغان قىز نەۋرىسىنى ئېلىپ، دورىخانىغا دورا ئالغىلى باردى. قۇربان نىياز ئۇ مومايغا بالىنى يەنىمۇ داۋالىتىش لازىملىقىنى ئېيتقاندا، موماي قاخشاپ: بالام بەك چىرايلىق بولغاچقا باشقىلارنىڭ كۆزى تەگدى، باشقىلار قارغىغاچقا بالام مۇشۇنداق بولۇپ قالدى، دېدى. بۇ ئىش قۇربان نىيازغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى.

  قۇربان نىياز: «تىل بىلمەسلىك چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ئەڭ چوڭ توسالغۇ، كېيىنكى ئەۋلادلار بۇ توسالغۇ سەۋەبلىك قىينالسا ھەرگىز بولمايدۇ، بالىلارغا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى چوقۇم ياخشى ئۆگىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى مائارىپنى قوبۇل قىلدۇرۇش لازىم، دېدى.

  2003-يىلى، ئۇ يىغىپ قويغان 600 مىڭ يۈەن پۇلىنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ، ئىماملىرىم بازىرىدا يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ قۇردى. مەكتەپتە ئۆزى جۇڭخۇا مەدەنىيەت دەرسلىكىنى تۈزۈپ، گۇمانىتار پەنلەر دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، كۇڭزى ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇپ، بالىلارغا تاڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇش، جىڭجۈي تىياتىرى ئېيتىش، ھۆسىنخەت يېزىشنى ئۆگەتتى... قۇربان نىياز بالىلارنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىن تارتىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى تېرىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ۋە مىللەتكە بولغان تونۇش تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  مائارىپ بولسا نۇر، نۇر كۆپ بولسا، قاراڭغۇلۇق ئازلايدۇ. 16 يىلدىن بۇيان، ئۇ قۇرغان ئىماملىرىم بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ قىيىنچىلىقى بار 100گە يېقىن ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى، جەمئىي 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ چىقتى.

  قۇربان نىياز: «بىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمىز بالىلارنى بېكىنمە جايدىن سىرتقى دۇنياغا چىقىرىپ، بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر