باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىللىق مۇكاپات پۇلى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىگە قوشۇلمايدۇ

يىللىق مۇكاپات بېجىنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئۆتكۈنچى سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش

2018.12.29 19:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى «شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، يىللىق مۇكاپات پۇلى، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشى، كارخانا يىللىق پۇلى، كەسىپ يىللىق پۇلى قاتارلىق ئالاقىدار ئېتىبار سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: يېڭى يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان يېڭى باج تۈزۈمى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەسلىدىكى باج ئېتىبار سىياسىتى ياكى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، ياكى ئۆتكۈنچى مەزگىل بولىدۇ ياكى ئۇلاش سىياسىتى بەلگىلىنىپ، ئاساسىي مۇقىملىق ساقلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئېرىشكەن يىللىق مۇكاپات پۇلىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغىنى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىگە قوشۇۋېتىلمەيدۇ، بەلكى ئۇقتۇرۇشتا قوشۇمچە قىلىنغان ئاي بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجى نىسبىتى جەدۋىلىگە ئاساسەن، يىللىق مۇكاپات پۇلى كىرىمى 12 ئايغا بۆلۈپ ھېسابلانغاندىن كېيىنكى سوممىنى جەدۋەلدىكى باج نىسبىتى ۋە تېز ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش سانى بويىچە تەتبىقلاپ، ئايرىم ھېسابلاپ باج تاپشۇرۇلىدۇ. ئاھالىلەر شەخسىي ئېرىشكەن يىللىق مۇكاپات پۇلىنى شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىگە قوشۇۋېتىپ باج تاپشۇرۇشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئېرىشكەن يىللىق مۇكاپات پۇلى قائىدە بويىچە شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىگە قوشۇلۇپ شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ.

  بېيجىڭ دۆلەتلىك بوغالتىرلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مالىيە-باج سىياسىتى ۋە ئۇنى قوللىنىش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى شۈخوڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يىللىق مۇكاپات پۇلىغا قارىتا، بۇ قېتىمقى سىياسەتتە ئېتىبار بېرىش داۋاملاشتۇرۇلۇپلا قالماستىن، يەنە بەلكى يېڭى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش قانۇنىدىكى ئايغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتىن كېيىنكى ئومۇمىي تاپاۋەت بېجى نىسبىتى جەدۋىلى بويىچە، يىللىق مۇكاپاتنى يېڭى باج نىسبىتى ۋە تېز ھېسابلاشتا چىقىرىۋېتىشكە تەتبىقلىنىپ، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باج سېلىقى تۆۋەنلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاھالىلەرمۇ يىللىق مۇكاپات پۇلىنى شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىگە قوشۇۋېتىپ باج تاپشۇرۇشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا ئوخشىمىغان يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تاپاۋەت ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى كۆزدە تۇتۇلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ يىللىق ئۈنۈم ئىش ھەققى كىرىمىنى قەرەلىنى ئۇزارتىپ نەقلەشتۈرۈلگەن كىرىمى ھەمدە ۋەزىپە ئىچىدىكى مۇكاپاتىنىڭ بەلگىلمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغىنى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن شۇ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىنكى سىياسەت ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

  ئۇندىن باشقا، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي پاي قەرەللىك ھوقۇقى، پاي چېكىنىڭ ئاشقان قىممىتى ھوقۇقى، چەكلىمىلىك پاي چېكى، پاي ھوقۇقى مۇكاپاتى قاتارلىق پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش تۈرلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەرتلەرنى ھازىرلىغانلىرىنىڭ 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇنقىسى، شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىگە قوشۇۋېتىلمەيدۇ، تولۇق سوممىسى بويىچە ئايرىم ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجى نىسبىتى جەدۋىلىگە تەدبىقلىنىپ، ھېسابلاپ تاپشۇرۇلىدۇ. 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىنكى پاي ھوقۇقىنى قوزغىتىش سىياسىتى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

  سۇغۇرتا ماركېتىڭچىلىرى، ئاكسىيە ۋاسىتىچىسىنىڭ ئېرىشكەن كىرىمى ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتىگە تەۋە بولۇپ، قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان كىرىمدىن % 20 چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قالدۇقى كىرىم سوممىسى بولۇپ، كىرىمىدىن كەسىپنى كېڭەيتىش تەننەرخى ۋە قوشۇمچە باج خىراجىتىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىگە قوشۇۋېتىلىپ ھېسابلىنىپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ. سۇغۇرتا ماركېتىڭچىلىرى، ئاكسىيە ۋاسىتىچىسىنىڭ كەسىپنى كېڭەيتىش تەننەرخىنى ھېسابلاشتا، كىرىم سوممىسىنىڭ % 25 بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

  شەخسىيلەر دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە، كارخانا يىللىق پۇلى، كەسىپ يىللىق پۇلىنى ئالىدۇ، بەلگىلمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغىنى ئۇنىۋېرسال تاپاۋىتىگە قوشۇۋېتىلمەي، تولۇق سوممىلىق تېگىشلىك باج ئايرىم ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاي بويىچە ئالىدىغانلاردىن ئايلىق باج نىسبىتى جەدۋىلى بويىچە ھېسابلاپ باج ئېلىنىدۇ؛ پەسىل بويىچە ئالىدىغانلاردىن ئوتتۇرىچە ئايغا بۆلۈپ، ھەر ئايدا ئېلىش سوممىسىغا قارىتا باج نىسبىتى جەدۋىلى بويىچە ھېسابلاپ باج ئېلىنىدۇ. يىل بويىچە ئالىدىغانلاردىن، ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت بېجى نىسبىتى جەدۋىلىگە تەتبىقلىنىپ باج ئېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر