باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زاۋۇتلار كەنتلەردە قۇرۇلۇپ، ئىش ئورنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى

ھەمراھ زاۋۇتلار كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

2018.12.29 14:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن خەۋەر قىلىدۇ: تۇرسۇننىسا تۇرسۇن كەشتىچىلىككە ماھىر بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئىككىسۇ يېزىسى تۆۋەنچاقا كەنتىدىكى «قابىل ئايال»غا ئايلاندى، ئۇ كىيىم- كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەپ ئايدا 2900 يۈەن پۇل تېپىپ، ئائىلىسىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كىشىگە ئايلاندى.

  زاۋۇتلار كەنتلەردە قۇرۇلۇپ، ئىش ئورنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى، ھەمراھ زاۋۇتلارنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممە يەردە قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تۇرسۇننىساغا ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ ئائىلە ئاياللىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، زاۋۇت سېخلىرىدىكى يۇقىرى ماھارەت ئىگىلىرىگە ئايلاندى.

  12- ئاينىڭ 26- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ شەھەر يېزىسى قازانچىئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئاينۇر سەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: زاۋۇتقا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئائىلىمىزنىڭ ئايلىق كىرىمى تەخمىنەن 520 يۈەن ئىدى، ھازىر ئۆزۈملا ئايدا 2500 يۈەن پۇل تاپالايمەن.

  ئاينۇر ئىشلەۋاتقان ھەمراھ زاۋۇت قەشقەر جۇڭشىڭ پەلەيچىلىك چەكلىك شىركىتى يېڭىسار ناھىيەسىدە ئاچقان 17 ھەمراھ زاۋۇتنىڭ بىرى. جۇڭشىڭ پەلەيچىلىك چەكلىك شىركىتى «مەركىزىي زاۋۇت+ھەمراھ زاۋۇت»تىن ئىبارەت تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللاندى، يەنى مەركىزىي زاۋۇت تەربىيەلەشكە ۋە زاكاز، خام ماتېرىيالنى بىرتۇتاش تارقىتىش، مەھسۇلاتلارنى بىرتۇتاش يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، يېزا- كەنت ۋە مەھەللىلەردە ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇپ، خام ماتېرىيالنى پەلەيگە ئايلاندۇردى.

  قەشقەر جۇڭشىڭ پەلەيچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمراھ زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سۆگەت يېزىسى ئاچما ئېرىق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئايىم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلەمدە يەر تېرىپ، بىر يىلدا ئاران بىر قېتىم ھوسۇل ئالاتتۇق، ھازىر زاۋۇتتا ئىشلەپ، ھەر ئايدا مائاش ئالىدىغان بولدۇم، بىر يىلدا 12 قېتىم ھوسۇل ئالىمەن، دېگەن گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زاۋۇت ئۆيىمىزگە يېقىن، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىمغىمۇ دەخلى يەتمەيدۇ.

  جۇڭشىڭ پەلەيچىلىك چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش ھەمراھ زاۋۇتلار قەشقەر ۋىلايىتىدە ناھايىتى كۆپ. ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى بۇلتۇر 154 ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇپ، 10 مىڭدىن كۆپ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ يىل يەنە يېڭىدىن 330 ھەمراھ زاۋۇت قۇرغان، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم يارىتىلغاندىن كېيىن، 18 مىڭ ئىش ئورنىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، ھەمراھ زاۋۇتلار نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلانغان.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتى ھەمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ناھىيە، شەھەرلەر ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا پائال جەلپ قىلىپ، يېزا- كەنتلەرگە يۈزلەنگەن ھەمراھ زاۋۇتلارنى يۆلەپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  بۇ يىل 10- ئايدا، كېرىيە ناھىيەسىدىكى مەينو ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتى 3 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ جاي يېزىسى جاي كەنتى، قارا تۇغان كەنتى، جايبازار كەنتىدە ئومۇمىي كۆلىمى 1800 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ھەمراھ زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، 12 مەمۇرىي كەنتكە تەسىر كۆرسىتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن 268 نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  زاۋۇتنى ئىشىك ئالدىدا قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چۈش ئەمەس. جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماڭدان يېزىسى بېيدىدۇڭ كەنتىدىكى بىر ھەمراھ زاۋۇتتا 39 ياشلىق مەھبۇبە ھوشۇر ئۇستىلىق بىلەن كىيىم تىكىۋاتاتتى. مەھبۇبە خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە كەنتىمىزدە ھەمراھ زاۋۇت قۇرۇلدى، پۇلمۇ تاپالايمىز، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايمىز، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەن بەكلا ياخشى.»

  ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە سىياسەت چىقىرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈردى. غۇلجا شەھىرىنىڭ قارا دۆڭ يېزىسى توپا دەڭ كەنتى ئاھالىسى ئالىمجان ئابدۇل ئىگىلىك تىكلەشكە يار- يۆلەك بولۇش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتە ئالىمجان قۇم رەسىم چەكلىك شىركىتى قۇردى. شىركەت قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئەتراپتىكى 20 دىن كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر