باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

يۈزىنى ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنى سالدۇرسا، يۈزى يىرىكلىشىپ كېتەمدۇ؟

2018.10.17 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنخۇيدىكى ئوقۇرمەن چاڭ خانىم مۇنداق سورىدى: مىنىڭ دوستۇم ئۆزىنىڭ يۈزىنى بەك يوغان دەپ ھېس قىلاتى، شۇڭا يۈزىنى ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنى سالدۇرغۇسى بار ئىدى. لېكىن، يۈزىنى ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنى سالدۇرسا، يۈزى يىرىكلىشىپ كېتىدۇ، دەپ دائىم باشقىلاردىن ئاڭلايمىز، بۇ راستمۇ؟

  4- ھەربىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاڭدۇ دوختۇرخانىسى كۆيۈكتىن كېيىنكى شەكىل تۈزەش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى چىن خۇي پىروفېسسور بۇنىڭغا جاۋاب بەردى: كرېئاتوكسىن ئوكۇلىنى سالدۇرغاندىن كېيىن، يۈز قىسمىنىڭ يىغىلىش مۇسكۇلىنىڭ ئىلاستىكىلىق كۈچىدا ئاجىزلاش كۆرۈلۈپ، يۈز تېرىسى يۇمشاپ قالىدۇ. يۈزىنىڭ ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى يەتكىلى بولۇش ئۈچۈن، دوختۇر مۇنداق تەكلىپ بەردى: بۇ خىل ئوكۇلنى سالدۇرۇش ئارقىلىق گۈزەللەشمەكچى بولغانلار بۇ خىل ئوكۇلنى سالدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدىكى چىراي ئىپادىسىدە بەك كۆپ ئۆزگىرىش بولماسلىقى، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىككە تېخىمۇ دىققەت قىلىشلىرى كېرەك، ئىككىنچى ھەپتىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يۈز تېرىسىنىڭ ئىپادىلىرى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئوكۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ خىل ئوكۇلنىڭ يۈز قىسمىنىڭ قېتىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئەمەس.

  ئەگەر كىشىلەر يۈزىنى ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنى سالدۇرۇشتا، مۇنتىزىم بولمىغان ئورۇنلارنى تاللاپ قېلىپ، ئۇنداق جايلاردا يۈزىنى ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنى سالدۇرسا، ئۇنداق جايلار يۈزنىڭ ئوكۇل سېلىش ئورنىنى خاتا بەلگىلەپ قويۇش، ئوكۇل سېلىش ئورنى بەك تاشقىرى بولۇش، ئوكۇل مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كېتىش، ئىككى قېتىمدا سالدۇرغان ۋاقىت ئارىلىقى بەك قىسقا بولۇپ قېلىش، كرېئاتوكسىن ئوكۇلىنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئوكۇل سالدۇرغان جاينى ئۇۋۇلاپ سېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يۈز قىسمىنىڭ قېتىپ قېلىشىدەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. دېمەك، ھۆسن تۈزەش-شەكىل تۈزەش تۈرىنىڭ مەيلى قاندىقىنى تاللىماڭ، سىلەرنىڭ چوقۇم مۇنتىزىم داۋالاش ئورۇنلىرىنى تاللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر