باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

توققۇز خىل مېۋە ۋە كۆكتات ئاسان گاز پەيدا قىلىپ، قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

2018.09.05 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن كىشىلەر، مېۋە ۋە كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرى ئاشقازان-ئۈچەي ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق، دەپ قارايدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا «تەرمىلەر تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان بەزى ساغلام مېۋە ۋە كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىنىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا گاز پەيدا قىلىپ، قورساق كۆپۈش ياكى ئاشقازان كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇڭا قورسىقى ئاسان كۆپۈدىغان ياكى ئاشقازىنى كۆپۈدىغان كىشىلەر ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك ئىكەن.

  تۆۋەندە بۇ توققۇز خىل مېۋە ۋە كۆكتات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

  1. تاۋۇز

  تاۋۇز تەركىبىدە تەبىئىي شېكەر بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي سىستېمىسى دائىم تولۇق سۈمۈرۈپ كېتەلمەي، بۇ جەرياندا تاۋۇز ئاشقازان-ئۈچەي سىستېمىسىدا گاز ھاسىل قىلىدۇ.

  2 . كۈدە

  پۇرىقى كۈچلۈك كۆكتاتلار، بولۇپمۇ كۈدە (ئاق قىسمى) تەركىبىدە مول فىرۇكتوزان بار بولۇپ، ئىنسانلاردا فىرۇكتوزاننى ئاجرىتىدىغان ئېنزىم كەمچىل بولغاچقا، كۈدە ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا ئۈچەي يولى كۆپۈش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

  3. قارا بۆلجۈرگەن

  قارا بۆلجۈرگەن تەركىبىدە مول ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بار، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەركىبىدە ساخارىدلارنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان پولىئوللار بار بولۇپ، بۇ تەركىپ قورساق قىسمى بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

  4. مانگو

  مانگو تەركىبىدىكى فىرۇكتوزا گىلۇكوزىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، مانگو تەركىبىدىكى بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق نىسبىتى سەۋەبىدىن فىرۇكتوزىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى تېخىمۇ تەس بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قورساق كۆپۈش ياكى باشقا ئاشقازان كېسىلى پەيدا بولىدۇ.

  5 . گوللاندىيە پۇرچىقى

  گوللاندىيە پۇرچىقى تەركىبىدە تۆۋەن پولى گالاكتۇرونازا بار، بۇ بىر خىل ئاسان ھەزىم بولمايدىغان شېكەر بولۇپ، ئاسانلا ئۈچەيدىكى باكتېرىيەلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، قۇرساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە فىرۇكتوزان تەركىبى بار بولغانلىقتىن، ئادەتتە پەقەت قىسمەن قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇمۇ گوللاندىيە پۇرچىقىنىڭ ئاشقازان كۆپۈشنى پەيدا قىلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ھىسابلىنىدۇ.

  6. ئالۇچا

  ئالۇچا تەركىبىدە پولىئوللار بار بولۇپ، بۇ ئادەتتە شېكەر ئېنزىمى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۈچەيدىكى باكتېرىيەلەر بۇ پولىئوللارنى ئېچىتىپ، ئاشقازان كۆپۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  7. ئالما

  ئالما تەركىبىدە فىرۇكتوزا مول بولۇپ، فىرۇكتوزانىڭ قۇبۇل قىلىنىشى ياخشى بولمايدىغان بىمارلار ئالما يېگەندە قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ۋە باشقا ھەزىم قىلىش مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  8. پىياز

  ئالمىدىن باشقا، پىياز تەركىبىدىكى بىر قانچە خىل كاربون سۇ بىرىكمىسىمۇ قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئاشقازان- ئۈچەي مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  9. سامساق

  تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سامساققا زىيادە سەزگۈرلۈكى ياكى سامساق تەركىبىدىكى بەزى تەركىبلەرنى ئاسان ھەزىم قىلالماسلىقى سەۋەبلىك ئۈچەي يوللىرىدا تېخىمۇ كۆپ گاز پەيدا قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر