باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تۆت خىل ئاددىي ئۇسۇلدا كۆز چارچاشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ

2018.07.04 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، يانفونغا ئۇزۇن ۋاقىت قارىغاندا، ئاسانلا كۆز ئالمىسىغا قان تولۇش، كۆزى قۇرغاقلىشىش قاتارلىق چارچاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يېقىندا بىر نەچچە خىل ئاددىي، قولايلىق بولغان كۆز چارچاشنى يوقىتىش ئۇسۇلى يەكۈنلەپ چىقىلدى، سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.

  پەللىنى بېسىش. كۆز ئەتراپىدىكى كۆز چارچاشقا قارشى تۇرىدىغان ئالتە پەللە تەرتىپ بويىچە جىڭمىڭ پەللىسى (بۇرۇن تۈۋى كۆز ئىچكى بۇرجىكى تۇتىشىدىغان جايدا) سۇەنجۇ پەللىسى (قوشۇمىغا يېقىن كۆز چاناقلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن جايدا)، يۈياۋ پەللىسى (كۆز قارىچۇقىنىڭ ئۇدۇل ئۈستى تەرىپىدە، قاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا) سىجۇكوڭ پەللىسى (قاش قۇيرۇقى ئولتۇرۇشقان جايدا)، چېكە پەللىسى (چېكە ئولتۇرۇشقان جايدا)، چېڭچى پەللىسى (كۆز ئالمىسى مەركىزىي ئاستىدىكى كۆز چاناقلىرى ئولتۇرۇشقان جايدا). بۇ پەللىلەرنى باسقاندا، جىڭمىڭ پەللىسىدىن سىجۇكوڭ پەللىسىگىچە تەرتىپ بويىچە بېسىش، ھەربىر پەللىنى كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن بەش سىكۇنت بېسىپ تۇرۇپ، ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق تەكرارلاش لازىم.

  لۆڭگە قويۇش. كۆز قاپىقى ساڭگىلاپ، كۆزلىرى ئۇيقۇلۇق ھالەتتە تۇرۇش كۆزدە قان ئايلىنىش ياخشى ئەمەسلىكىنىڭ سىگنالى بولۇپ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ھۆل لۆڭگىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ 30 سىكۇنتتىن 50 سىكۇنتقىچە قىزدۇرۇپ، قول كۆيمىگۈدەك بولغان چاغدا، كۆز قاپىقىغا بىر-ئىككى مىنۇتقىچە قويغاندا، قاننى ئايلاندۇرۇپ ھاردۇق چىقىرىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر كۆز ئالمىسى قىزىرىپ كەتكەن بولسا، كۆزنى ئىسسىق تۇتۇپ قالغان بولۇپ، ياللۇغلىنىشتىن سىگنال بېرىدۇ، بۇ چاغدا سوغۇق لۆڭگە بىلەن بىر-ئىككى مىنۇت سوۋۇتۇشقا بولىدۇ.

  كۆز ئالمىسى گىمناستىكىسى. كومپىيوتېر ياكى يان تېلېفونغا ئۇزاق تىكىلىپ ئولتۇرغاندا، كۆزنىڭ فوكۇس نۇقتىسىنى تەڭشەشكە مەسئۇل مۇسكۇللار چارچاپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا، بىر يۈرۈش كۆز ئالمىسى گىمناستىكىسى ئويناشقا بولىدۇ، يەنى: كۆزنى تېز يۇمۇپ، بىردىنلا ئېچىش؛ ئاندىن باشنى جىم تۇتۇپ، كۆز ئالمىسىنى تەرتىپ بويىچە ئوڭغا، سولغا، ئۈستىگە، ئاستىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقىرىقى ھەرىكەتنى ئىككى-ئۈچ قېتىم تەكرارلاش كېرەك.

  يىراققا قاراش ئۇسۇلى. ياپونىيە كۆز كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئىشىكاۋا مارۇكو «بەش مىنۇتتا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى» دېگەن كىتابىدا، باشنى كۆتۈرۈپ يىراققا قاراشنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت يېقىن ئارىلىقتىكى نەرسىلەرگە قاراشتىن كېلىپ چىققان كۆز چارچاشنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، بەك يىراققا قارىغاندا ئەكسىچە ئۈنۈمى بولمايدۇ، باشنى كۆتۈرۈپ تورۇسقا قاراش، ياكى ئۆينىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى تامغا قاراشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر