ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە، 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى تەرەپ خىزمەتچىلىرى بومباي مېتروسىنىڭ 1-نومۇرلۇق لىنىيە بۆلىكىدە خىزمەت قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى مېترو 1-نومۇرلۇق لىنىيەسى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن. بۇ مېترو لىنىيەسىدىكى پويىزنى جۇڭچې نەنجىڭ پۇجېن چەكلىك شىركىتى ياسىغان بولۇپ، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 400 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. پويىز ئازادە، يورۇق لايىھەلەنگەن بولۇپ، سىلىق يۈرىدۇ، پويىزغا يەنە مەخسۇس ئاياللار ۋاگونى تەسىس قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان. پويىز قاتنىغان تۆت يىلدىن بۇيان، بىرەر قېتىممۇ كاشىلا قۇتقۇزۇشى سادىر قىلمىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى