باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ساغلاملىق ئىستېمال كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

2018.07.04 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ 2017-يىللىق ئىستېمال تەرەققىياتى توغرىسىدا دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ئىستېمالى ئېھتىياجىدا كۆپ قاتلام، كۆپ خىللىشىشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن، مەملىكەت بويىچە ساغلاملىق ئىستېمالى كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ساغلاملىق ئىستېمالى قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، دەرىجىسى ئۆسكەن.ساغلاملىق ئىستېمالى ئومۇمىي كۆلىمى داۋاملىق ئاشقان. 2017-يىلى، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە داۋالىنىش-ساقلىقنى ساقلاش ئىستېمال چىقىمى 1451 يۈەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمىنىڭ %7.9ىنى ئىگىلىگەن. بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %11 ئېشىپ، ئوتتۇرىچە چىقىم ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغان. ئىجتىمائىي سەھىيە تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى 2012-يىلىدىكى 10 مىڭدا بەش پىرسەنتتىن 2016-يىلىدىكى 10 مىڭدا ئونبەش پىرسەنت ھالەتكە ئۆسكەن. ئومۇمىي ساھە بويىچە قارىغاندا، 2017-يىللىق سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 732 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، 2016-يىلىدىكىدىن %18.1 ئاشقان.

  ساغلاملىق ئىستېمال قۇرۇلمىسى بارغانسېرى ئەلالىشىپ، دەرىجىسى ئاشتى، ئەكسىچە شەخسىي داۋالىنىش سەھىيە چىقىم نىسبىتى تۆۋەنلىدى. 2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ئومۇمىي چىقىمى 3 تىرىليون 166 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 5 تىرىليون 159 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %6.2 بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىجتىمائىي سەھىيە چىقىمىنىڭ (ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى چىقىمى، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتا ھەققى، جامائەت دوختۇرخانىسى قۇرۇش چىقىمى قاتارلىق ئاساسىي گەۋدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىگىلىگەن نىسبىتى %36دىن %41.1كە يېتىپ، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي داۋالىنىش چىقىمى %33.9تىن %28.8كە چۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر